باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قۇمۇلدا ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت خىزمەت پونكىتى قۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ

2016.04.25 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ياچاڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىشى؛ بېيجىڭ مۇجېنلياۋ كىيىم كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ خۇنەننىڭ شياڭشى تۇجيازۇ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت خىزمىتى پونكىتى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مەخسۇس مەبلەغكە ئېرىشىپ، قۇمۇلدا يەرلىك ئەلئىچى كەشتىچىلىك ئاساس قىلىنغان مەركەز قۇرىدىكەن، شياڭشىنىڭ مۇۋاپىق يېرىدە جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە يەرمەنكىسى بازىرى قۇرۇش، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شياڭشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىياڭشىنى ئەنئەنىۋى ھۈنەر -سەنئەتنى تەتقىق قىلىش ئۆگىنىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا مەدەت بېرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر