باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدىكى «ئۈچ خىل تولۇقلىما» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ

2016.04.26 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا تارقىتىلغان زىرائەتنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق تولۇقلىمىسى، ئاشلىق بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ خىل تولۇقلىما» 2016-يىلى يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تولۇقلىمىسى قىلىپ بىرلەشتۈرۈلىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 25-ئاپرېل بۇ يىل مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىكى «ئۈچ خىل تولۇقلىما» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 2015-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىقى بىلەن قىسمەن ئۆلكىلەردە بۇ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىلىق سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىم ئىككى تارماق ئېلان قىلغان «يېزا ئىگىلىكىدىكى <ئۈچ خىل تولۇقلىما> ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا پۈتۈن مەملىكەتتە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەندىن باشقا يەنە، مالىيە ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش مەبلىغىنى قانداق ئىشلىتىشكە قارىتا كونكرېت بەلگىلىمە بېكىتىلىدىغانلىقى ئايىدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسىنىڭ ٪80 ساقلانما مەبلىغى، ئاشلىق بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى ۋە زىرائەتنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق تولۇقلىمىسى مەبلىغى قوشۇلۇپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى تارماق بۇ مەبلەغ بويىچە تولۇقلىما بېرىش ئوبېكىتىنىڭ پرىنسىپ بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى بار دېھقانلار ئىكەنلىكى؛ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق مەيدانى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن تېرىلغۇ يەر، ئورمانچىلىق يېرى، دائىرىلىك ئاشلىق يېرىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىشلىتىدىغان يەر، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەر قاتارلىق ئىشلىتىلىش ئورنى ئۆزگەرتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەر شۇنداقلا ئۇزاق يىل تاشلىۋېتىلگەن قاقاس يەر، تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى ۋە سۈپىتى تېرىقچىلىق قىلىش شەرتىگە توشمايدىغان تېرىلغۇ يەر قاتارلىقلارغا تولۇقلىما بېرىلمەيدىغانلىقىنى بېكىتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر