باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق ساياھەت تۈرىنى توختاتتى

2016.04.25 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 مىليون 800 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان تەڭرى تېغىدىكى 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق ھەيۋەتلىك جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇزلۇقنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تىز سۈرەتتە ئېرىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق ساياھەت تۈرىنى توختاتتى، شۇ يەردىكى چارۋىچىلارنى كۆچۈردى، دۆلەت يولى لىنىيەسىنى ئۆزگەرتتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر شىنجاڭ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق مۇھاپىزەت رايونى قۇرغان، كۆلىمى 947.68 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۈچ ناھىيە شەھەردىن ھالقىيدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئىجازەتسىز ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا، 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقنى ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەپ، شۇ يەرگە مۇھىت بېسىمى پەيدا قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساياھەت تارماقلىرى يېقىندا 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭدا مۇزلۇق ساياھىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ مۇزلۇقنى يىراقتىن كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  1-نومۇرلۇق مۇزلۇقنىڭ ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلار يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ يازلىق يايلىقى. ھەر يىلى ياز كەلگەندە چارۋىچىلار بۇ يەرگە كېلىپ قوي، كالا پادىلىرىنى باقىدۇ، كىگىز ئۆيلەرنى قۇرىدۇ. چارۋىچىلىقنىڭ مۇزلۇققا تەسىر كۆرسىتىشىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش ئولتۇراقلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، مەركىزىي رايونلار، تەجرىبە رايونلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارىغا ئاساسەن، پەرقلەندۈرۈپ قوغداش ۋە كۆچۈش ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى قوللاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر