باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا

2016.04.25 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى، سودىمۇ جانلاندى. 4-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە تاموژنىدىن ئۆتۈش مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپەيدى، تاق كۈندە تاموژنىدىن ئۆتۈش مىقدارى ئۇدا 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇ مەركەز قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، قورغاس چېگرا ئېغىزى مۇددەتتىن بۇرۇن ساياھەت يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالاھىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولغان جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە سودا كۆرگەزمە رايونى، يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا، يېمەك-ئىچمەك كۆڭۈل ئېچىش، سودا ئەسلىھەسى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى 26 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلغان، 3200 دىن ئارتۇق كارخانا ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى چوڭ تىپتىكى باجدىن خالىي مال سېتىۋېلىش سودا سارايلىرى ئىكەن. قازاقىستان تەرەپتىكى تۈرلەردىمۇ كەينى-كەينىدىن ئىش باشلانغان. ھازىر پۈتتۈرۈلگەن كۆلەم 1.5 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، 20 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان.

  قورغاس چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2012-يىلى 4-ئايدا ئىش باشلانغاندىن بۇيان، چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى 7 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، ساياھەتچىلەر يەنە يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋېتىپتۇ. جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو، قازاقىستان چېگراسىنى بويلاپ، ئىككى دۆلەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، جۇڭگو تەرەپتىكى كۆلىمى 3.43 كىۋادرات كىلومېتىر، قازاقىستان تەرەپتىكى كۆلىمى 1.85 كىۋادرات كىلومېتىر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر