- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئوباما دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››گە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭەشتى
2016.04.25 16:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 21 – ئاپرېل دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا كۆرۈشۈپ، ئىران، ئىراق، سۇرىيە، يەمەننىڭ ۋەزىيىتى ۋە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››گە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭەشتى. ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەم كېلەر يىلى 3 – ئايدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا يەنە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ياردەملىشىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىپ بەرمەكچى ۋە ئالاھىدە قىسىملىرىنى تەربىيەلەپ بەرمەكچى بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر