باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەر ئوبوروتى دېھقانلارنى قوش مەنپەئەتلەندۈردى

2016.04.25 16:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىسى يۇقىرىقى بەشئون كەنتىدىكى ما ۋېيگو ئىككى يىل ئىلگىرى يۇقىرىقى بەشئون كەنتىنىڭ دۆلەت يولى 218 – لىنىيەسى بويىغا جايلاشقانلىقىدەك رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يەر ئوبوروتى قىلىپ، كەنتتىكى يەتتە دېھقاننىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ ھەر موسىنى 900 يۈەندىن 13 يىللىق ھۆددە ئېلىپ، 74 مو يەردە گۈل بازىسى قۇردى. ئۇ بازىدا سورتلۇق ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈپ ۋە تېرىلغۇ يېرىنى ھۆددە بەرگەن دېھقانلارنى بۇ بازىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى. يەر ئوبوروتىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن دېھقانلار بۇ يىل يەنە 20 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرىنى بۇ گۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا يەر ئوبوروتىغا قاتناشتۇردى.

  بۇ كەنتتىكى ما شۇئېر ئىلگىرى ئون مو تېرىلغۇ يېرىگە قوناق تېرىغان بولۇپ، مو بېشى كىرىمى 1000 يۈەنگىمۇ يەتمىگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئون مو تېرىلغۇ يېرىنى ما ۋېيگونىڭ گۈل بازىسىغا ئۆتكۈزۈپ، يىللىق كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. ما شۇئېر مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يېرىمنى ھۆددە بەرگەندىن كېيىن گۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتىم، كۈنلۈك ئىش ھەققىم 100 يۈەندىن ئاشىدۇ. يەر ئوبوروتىنىڭ خېيىم – خەتىرى ئازكەن، بىز دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشىمىزدىكى يېڭى يۈزلىنىشكەن.

  ما ۋېيگو مۇنداق دېدى: گۈل ئۆستۈرۈش بازىمىزدا ھەر يىلى ھەر مو يەردىن 15 مىڭ تۈپ ئەتىرگۈل قەلەمچىسىنى يېتىشتۈرۈپ، شۇ يىلى 6 – ئايدا بازارغا چىقارغىلى بولىدۇ. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يەنە 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىلى ۋادىسى بويىچە كۆلەملەشكەن ئېتىزدا گۈل ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

  ئۇقۇشىمچە، ھازىر يۇقىرىقى بەشئون كەنتىدە 441 مو تېرىلغۇ يەر يەر ئوبوروتىغا قاتناشتۇرۇلغان، بازىلاردا گۈل ئۆستۈرۈش ۋە كۆكتات، مالىنا قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش ئاساس قىلىنىپ، 300دىن ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلاشقان. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەققى 100 يۈەندىن ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر