باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېڭى بىر تۈركۈم ئاي شارى يۈزىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىق رەڭلىك سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى

2016.04.25 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تېخنىكا سانائەت ئىدارىسى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ ئاي پەرىسى 3-نومۇرلۇق ئاينى تەكشۈرگۈچ تارتقان سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو ئايغا چىقىپ 40 يىلدىن كېيىن،ئىنسانلار قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ئېنىق ئاي شارى يۈزى سۈرىتى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان سۆرەتلەر 2013-يىلى 12-ئاي بىلەن 2014-يىلى 1-ئاي ئارىلىقىدا، قەمەر نومۇرلۇق ئايماشىنىسى ئايغا چىققاندىن كېيىن، ئەۋەتىلگەن كۆرگىلى بولىدىغان بارلىق نۇرلارنىڭ سۈرىتى. سۈرەتتىن، ئاسمان جىسىملىرى سوقۇلۇشتىن شەكىللەنگەن ئاي شارى ئورەكلىرى، ئاي شارىدىكى تاغ جىنسلىرى ۋە ئاي شارى ماشىنىسى مېڭىشتىن قېلىپ قالغان ماشىنا ئىزى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەتلىك رەسىمخانىسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جېڭ يۇڭچۈن مۇنداق دېدى: ئاپوللو ئاي شارىدا ئاي شارىنىڭ تاشقى سۈرىتىنى تارتتى،بۇنىڭدا فوتو سۆرەت لېنتىلىق فوتو ئاپپاراتى ئىشلىتىلگەن، تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى، سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ھازىرقىدىن خېلىلا قالاق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاي پەرىسى 3-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ ئىنسانلار تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ھەسەن-ھۈسەن قولتۇقى رايونىدا قۇرۇقلۇققا قوندى.

  جېڭ يۇڭچۈن مۇنداق دېدى: ئاي پەرىسى 3-نومۇرنىڭ قۇرۇقلۇققا قونۇشى ئاپوللو ئايغا چىققاندىن بۇيانقى دۇنيادىكى تۇنجى قېتىم ئاي شارىدا قۇرۇقلۇققا قونۇش ۋە ئاي شارىنى تەكشۈرۈش، ئاي شارى يۈزىنى تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ تارتقان سۈرەتلەرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئاپوللودىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. مۇشۇنداق ئېنىق ئاي يۈزى سۈرىتىدە نۇرغۇن پەن ئۇچۇرلىرى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاي شارى ماشىنىسىنىڭ ئىزلىرىدىنلا ئاي يۈزىنىڭ نۇرغۇن خۇسوسىيەتلىرىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:بىز ئاي شارى ماشىنىسىنىڭ چاق ئىزلىرى ھەمدە تەكشۈرگۈچ پۇتىنىڭ ئاي شارى يۈزىدىكى ئىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن ئاي شارى يۈزىنىڭ قانچىلىق ئېغىرلىقتىكى يۈككە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلسەك بولىدۇ، نۇرغۇن فىزىكىلىق خاراكتېرلارنى پەرەز قىلساق بولىدۇ، ئالايلۇق: زىچلىق، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى دېگەندەكلەرنى چاقنىڭ ئىزىدىن پەرەز قىلساق بولىدۇ.

  ھازىر بۇ سۆرەتلەر ۋە سانلىق مەلۇماتلار دۇنيادىكى ئالىملار ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىشىنى 1-قول ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر