باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ «ئاتا-بالا» ناھايىتى ئالاھىدە، بۇ بىر ئالاھىدە ئائىلە.

2016.04.26 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دادىسى لى جىنمىڭ، يېشى 60تىن ئاشقان خەنزۇ؛ ئوغلى لى بىڭ، ئىلگىرىكى ئىسمى تۇردى ئىلياس بولۇپ، 20 نەچچە ياشلاردىكى ئۇيغۇر يىگىت. يېقىندا تۇردىنىڭ ئىسمىنى «لى بىڭ»غا ئۆزگەرتكەنلىك ئىشى سەۋەبلىك، بۇ ئاتا-بالا تاراتقۇلارنىڭ نەزەرىگە ئېلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  1989-يىلى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان تۇردى ئۆز ئاتىسىنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ تېخى زاكىدىكى ۋاقتىدا ئانىسى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. ئۇنى بوۋا-مومىسى مىڭبىر جاپا -مۇشەققەتتە چوڭ قىلغان ئىدى. ئۇ ئەمدىلا مەكتەپكە كىرىشىگە، ئۇنى ئارزۇلايدىغان بوۋا-مومىسى ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ يىتىم بالا بولۇپ قېلىپ، ھەر تەرەپتە سەرگەردان بولۇپ يۈردى.

  سىچۇەن خېجياڭدىن شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن لى جىنمىڭ يالغۇز جان ئىدى. 1997-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە، لى جىنمىڭ ئونسۇنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىغا كېلىپ، باشقىلارنىڭ يېرىنى تېرىپ بەردى. ئۇ دائىم كىيىملىرى يىرتىق، بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بىر بالىنىڭ ئۆزى ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرەتتى. بىر كۈنى، تاماق ۋاقتى بولغاندىمۇ ئۇ بالىنىڭ كەتكۈسى يوقلۇقىنى كۆرگەن لى جىنمىڭ ئۇنىڭدىن قورسىقى ئاچقان، ئاچمىغانلىقىنى سورىدى. بالا ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭىشتتى. لى جىنمىڭ كوچىدىن بىر چىنە پولو ئېلىپ، بۇ ئېچىرقاپ كەتكەن بالىغا قورسىقى تويغۇدەك بىر ۋاق تاماق يىگۈزدى.

  ئۇ ۋاقىتتا تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبلىك، لى جىنمىڭ تۇردى بىلەن ئالاقە قىلالمىدى. لېكىن كۆز ئالدىدىكى بۇ بالىنىڭ سەبىي كۆزلىرىگە قاراپ، ئاقكۆڭۈل لى جىنمىڭ قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئۇيغۇرتىلىدىكى كۈندىلىك گەپلەرنى ئۆگىنىپ، تۇردى بىلەن پاراڭلىشالايدىغان بولدى.

  «ئەگەر تۇغقانلىرىنىڭ بولسا، بېرىپ ئۇلارنى ئىزدىگىن، ئەگەر تاپالمىساڭ، ئىسمىنى دەپ بەرگىن، مەن ئىزدەپ بېرەي.» لى جىنمىڭ بۇنى دېگەندە، تۇردى پەقەتلا توختىماي بېشىنى چايقىدى.

  بۇ ئەھۋالغا قاراپ، لى جىنمىڭنىڭ ئىچى ئاغرىپ، «ئەمىسە مەن بىلەن تۇرغىن!» دېدى. تۇردى بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭىشتتى.

  تۇردىغا نىسبەتەن، لى جىنمىڭ گەرچە ئۇنىڭ ئۆز ئاتىسى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشى تۇردىغا ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئاتا مېھرىنى ھېس قىلدۇردى.

  ئاتا-بالا ئىككىيلەن نەدە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولسا شۇ يەرگە كۆچتى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرىدىكى قۇملۇقنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ ماكانلاشتى. شۇنداق قىلىپ تۇردى لى جىنمىڭغا ئەگەشكىلى 18 يىل بولۇپ قالدى. تۇردىمۇ سىچۈەن تەلەپپۇزىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بولدى. لى جىنمىڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن، ئەينى چاغدىكى ئورۇق ھەم ئاجىز ئۆسمۈر ھازىرقى بەستلىك ياش يىگىتكە ئايلىنىپ، لى جىنمىڭنىڭ دېھقانچىلىقتىكى ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى.

  «ئۇ نېمىلا ئىش بولسا مەندىن بەك ئەنسىرەيدۇ، بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ دېسەم، ئۇ دەرھال بېرىپ ماڭا دورا ئەكىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئۆيگە قاراڭ، ھەممىنى ئۇ تازىلىغان. ئۇ ماڭا ئۆز ئوغلۇمدىن بەكرەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ»، دېدى لى جىنمىڭ ھاياجاندا.

  تۇردى ئىلياس: «دادام ھارىز ياشىنىپ قالدى، جىسمانىي كۈچى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ، شۇڭا مەن دادامنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، نەچچە يىل ياخشى ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئۆي سېلىپ، دادامنىڭ كۈنلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئويلايمەن. مەنمۇ توي قىلسام، ئايالىم بىلەن بىللە تاماق ئېتىپ، كىر-قات يۇيۇپ، دادامغا ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرسەم، دەيمەن» دېدى.

  ناتونۇشلاردىن تۇغقانلارغا ئايلىنىش لى جىنمىڭ ۋە ئوغلى لى بىڭنىڭ ھېسسىياتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ ناماياندىسى. بىر-بىرىگە باش-پاناھ بولۇپ ئۆتكەن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت قەلبلەر بىلەن قەلبلەرنى ئىللىتىشنىڭ شاھىدى ھەم مىللەتلەر دوستلۇقىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر