باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

2016.04.26 14:53   مەنبە: خەلق تورى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 22 - ئاپرېلدىن 24 - ئاپرېلغىچە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاۋاتقان دېھقان - چارۋىچىلار، ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋە بىڭتۈەن ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى. بۇ ئوبلاستنىڭ يەر مەيدانىنىڭ %90ى تاغلىق بولۇپ، ئادەتتە «تاغلىق ئوبلاست» دەپ ئاتىلىدۇ، قىرغىزىستان، تاجىكىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1133 كىلومېتىر بولۇپ، ئوبلاست تەۋەلىكىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى چېگرا ناھىيە ۋە دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوبلاستىكى 600 مىڭ نوپۇسنىڭ %93ى قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتتىن تەركىب تاپقان. تارىخىي سەۋەب ۋە ناچار تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا نامرات ئاھالە بىر قەدەر كۆپ، نامراتلىق دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇ ئوبلاست ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان، تىپىك نامرات، ئاز سانلىق مىللەت رايونى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر تۇتاش نامرات رايونلار ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئوبلاست ۋە شىنجاڭ بويىچە نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىشتىكى مۇھىم نۇقتا.

  جاڭ چۈنشيەن 24 - ئاپرېل قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، شۆبە ھەربىي رايونى، ج خ چېگرا مۇداپىئەسى ۋە مۇناسىۋەتلىك يېزا - بازارلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق چېگرا رايوندا ماكانلىشىپ ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلدى، ئۇلار چارۋا بېقىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈردى ۋە قوغدىدى. ئۇلاردا كۈچلۈك چېگرا رايوننى قوغداش ئېڭى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بار، چېگرا رايوننى قوغداش مەدەنىيىتى چېگرا رايوننى قوغداۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قان - قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە بىڭتۈەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ناچار تەبىئىي شارائىتنى يېڭىپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ ۋە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چېگرا رايوننىڭ ئالدىنقى سېپىنى چىڭ ساقلاپ كېلىۋاتقان كادىرلار، ئامما ۋە بىڭتۈەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرىدىن، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇلتۇر ئاچقان نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە دائىر خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە مەدىتىگە چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تولۇق تونۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەۋقەنى مۇھىم نۇقتىغا قارىتىپ، سىياسەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، چېگرا رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسى، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلارنى پارتىيە ئىشلىرىغا، چېگرا رايونلارنى قوغداشقا سادىق بولۇپ، خىزمەتلەرنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ، ئۆزگىرىش ياساش ۋە ئىسلاھ قىلىشتا دادىل بولۇپ، ھەر بىر خىزمەتنى تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  جاڭ چۈنشيەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا كانسۇ بازىرىنىڭ مۇستەقىل كانچىلىق رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم بىڭتۈەن 3 - شى تۇيۇن چارۋىچىلىق مەيدانى 1 - ليەنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۇي، ۋەن خەيچۈەن، لى فايى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …