باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

زىكرى ئەلپاتتا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى

2016.04.26 15:08   مەنبە: خەلق تورى

زىكرى ئەلپاتتا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە، تۆھپىكار مۇقامشۇناس، ئاتاقلىق كومپوزىتور، يىتۈك سەنئەت ئەربابى مەرھۇم زىكرى ئەلپاتتا ئۇستازنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس ئەدىبلەر، مەرھۇمنىڭ شاگىرتلىرى ۋە يۇرتداشلىرى 25-ئاپرېل ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، مەرھۇم تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  مەرھۇم ئۇستاز زىكرى ئەلپەتتا 1915-يىلى تۇغۇلۇپ، 1986-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ ھايات چېغىدا سانائى نەپىس ئىتتىپاق تىياتىرىدا، ئىلى ئوبلاستلىق تىياتىردا، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇل زامانىسىدا زىكرى ئەلپەتتانىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى غۇلجىدىكى سازەندىلەر ئىدى، ئۇلار ياشىغان غۇلجا شەھەر ئىچى مەھەللىسى سازەندىلەر كۆپ چىقىدىغان مەھەللە بولغاچقا، ئائىلە ۋە مەھەللە مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇ كىچىكىدىنلا ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، يۇرت ئۇستىلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، دۇتار چىلىشتا ئۇسلۇب ياراتقان ماھىر چالغۇچى ۋە ئۇستا ناخشىچىغا ئايلانغان. ئۇ بىر ئۆمۈر سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئىلى ناخشىلىرىنىڭ رەتلىنىپ، يۈرۈشتۈرۈلۈپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىشىگە مول ئەجىر سىڭدۈرگەن. ئۇ ئىلى تىياتىرچىلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ئەينى يىللاردا ئىلى سەھنىلىرىدە ئوينالغان «باي ۋە مالاي»، «پەرھاد-شىرىن»، «غېرىب-سەنەم» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق روللىرىدا چىقىپ، رول ئېلىشتىكى ماھىرلىقى ۋە ناخشا ئېيتقاندىكى ئاۋازىنىڭ جاراڭلىقلىقى ۋە يىقىملىقلىقى بىلەن ئىلى دىرامىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ ئىلى ناخشىلىرىنىڭ ئۇستىسىلا بولۇپ قالماي، ساز بىلەن ناخشىىنى قانداق بىرلەشتۈرۈش، ئوركىستېر تەشكىللەش، رول تەقسىملەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان. سەھنە ئەسەرلىرىگە خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ۋە مۇقام ئاھاڭلىرىنى سەپلەپ ۋە يېڭى ئاھاڭلارنى ئىجاد قىلىپ كىرگۈزۈپ، ئوپېرانىڭ بەدئىيلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈپ، ئۆلمەس ئەسەرلەرگە ئايلاندۇرغان. شۇنداقلا مۇقام ئاھاڭلىرىنى سەھنە ئەسەرلىرىدە پايدىلىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈلگىسىنى ياراتقان. ئۇ يەنە تالانتلىق ئىجادىيەتچى بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا سەھنە ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئاھاڭلىرىنى يىغىپ، بىر مۇقەددىمە، بىر تەزە، يەتتە داستانلىق «رۇخسارى» مۇقامىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئىشلەپ چىققان. تۇردانىكام، روزى تەمبۇرلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى تەتقىق قىلىپ، يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇقام ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سەنئەت مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان بۇ سەنئەت پېشۋاسىنىڭ قىممەتلىك ھايات مۇساپىسىنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى نۇرلاندۇرۇش يولىدا سىڭدۈرگەن بىباھا ئەجرى ۋە مول ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە زور باھا بېرىپ، مەرھۇمنىڭ تۆھپە بىلەن نۇرلانغان شانلىق ھايات مۇساپىسىنى خاتىرىلىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سەنئىتىگە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى، نادىر ئىجادىيەتلىرى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن قالتىس ئابىدە تىكلىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاخىردا ئۇستازنىڭ ئابلىز شاكىر قاتارلىق شاگىرتلىرى ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن «رۇخسار» مۇقامى ۋە باشقا ئەسەرلىرىنى ئورۇنلاپ، مەرھۇمنى ياد ئەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …