باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس

2016.04.27 14:02   مەنبە: خەلق تورى

تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى بىر تۈركۈم ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى ئەتلەستە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كۇرسى سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى. شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلاملاردىن كەلگەن 65 لايىھەلىگۈچى بۇ يەردە بىر ھەپتىلىك تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى كۇرس «تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كۇرسنى شىنجاڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن، بۇ كۇرسنىڭ مەقسىتى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەتلەس مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىكى لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئەتلەسچىلىك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتلەسنى مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا يول ئېچىشتىن ئىبارەت.

  دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە شىنجاڭ ئەتلەسچىلىكىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئاساسىي قاتلام لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ تەلىپى تولۇق بىرلەشتۈرۈلۈپ نەزەرىيە دەرسى ئۆتۈش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ. كۇرسانتلار سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتىدا مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلارنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، يەنە سۇجۇ يىپەك يولى مۇزېيى، سۇجۇ كەشتىچىلىك تەتقىقات ئورنى، زامانىۋى يىپەك يولى دۆلەت قۇرۇلۇشى تەجرىبىخانىسى ۋە سۇجۇ رايونىنىڭ ۋەكىللىك توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرىيە ۋە زىيارەت قىلىدۇ.

  ئەتلەس شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر توقۇلما بۇيۇمى، ئۇنىڭ بوياش، گۈل بېسىش ھۈنەر-سەنئىتى ناھايىتى قەدىمىي ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتلەسنى خام ماتېرىيال قىلىپ كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ۋە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى يەنىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارنىڭ ئىلغار لايىھە ئېڭى ۋە تېخنىكا ئېھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇدا ئىككى يىل ئەتلەس باش تېما قىلىنغان لايىھەلەش مۇسابىقىسى، ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، «ئالاقە تورى+ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپ بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل «تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» پائالىيىتىدە، شىنجاڭدا ئەتلەس لايىھەلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئەتلەس مەھسۇلاتلىرىنى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىپ چىقىرىش يوللىرى كېڭەيتىلىدۇ؛ ئەتلەس لايىھەلەش ئىتتىپاقى سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، ئەتلەس مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «سېتىپ چىقىرىش» ۋە «تەكلىپ قىلىش» بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئەتلىسى تېخىمۇ تونۇتۇلۇپ ۋە ئىناۋىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …