باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1 -كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزىتىشنى باشلىدى

2016.04.27 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 25-ئاپرېلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مەخسۇس تۈر بويىچە كۆزىتىشنى باشلىدى.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ 1-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىدىكى خىزمەت ۋاقتى: 25-ئاپرېلدىن 20-ماينىڭ ئالدى-كەينىگىچە؛ بۇ قېتىمقى كۆزىتىشتە، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئايروپورت گۇرۇھى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بولۇپمۇ كارخانىنىڭ رەسمىي ئىشچىلىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىدۇ: «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام» يەنى ( سىياسىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزام، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامى)نى ئىجرا قىلىشى؛ پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەھۋالى؛ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يەنە يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتماسلىق، ئىنكاس قىلغان مەسىلە يىپ ئۇچى مەركەزلىك بولۇش، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇش؛ ھازىر مۇھىم خىزمەت ئورنىدىكى ھەم يەنە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بار رەھبەرلەردە مەسىلە بار-يوقلىقى؛ مەبلەغ باشقۇرۇش، مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش، بايلىق تەقسىملەش، كاپىتالنىڭ يۈرۈشۈپ تۇرۇشى ۋە قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كونكرېت ئىشلار؛ مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلەش، مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇھىم تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ سوممىلىق مەبلەغ تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىپ تەكشۈرۈلىدۇ.

  ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىش تېلېفونى: 0991-7681520، يانفون: 13579997144 ؛

  پوچتا خەت ساندۇقى : ئۈرۈمچى شەھىرىدە 150 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى؛

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر