خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26 -ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى ئەرگۇڭ شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسى شىنجاڭ ۋاڭيۈەن كوماندىسى سۈپىتىدە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1 - چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم مۇسابىقە تۈرى ھىسابلىنىدۇ، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىز ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ۋالىبول تۈرىدىكى مۇھىم مۇسابىقە تۈرىنى ئۆتكۈزۈشى. مۇسابىقىگە مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن 64 (ئەرلەر، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ھەر قايسىسى 32 كوماندا) ۋالىبول كوماندىسى شىنجاڭغا كېلىپ مۇسابىقىلىشىدۇ. شىنجاڭدىن تۆت قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسى (ئەرلەر، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ھەر قايسىسى ئىككى كوماندا)دىن جەمئىي سەككىز تەنھەرىكەتچى ( ئەر - ئايال ) مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مۇسابىقىگە دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ماھىرى، دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىك قۇملۇق ۋالىبولى دۇنيا چېمپىيونى بولغان شىنجاڭ ۋالىبول كوماندىسى ئەزاسى شيا شىنيى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسى 1997 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان، ئۈزلۈكسىز سىنىشىش ئارقىلىق، قىتئەلەر ئارا كۆپ خىل چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن فۇ لىڭلى- لەن خوڭ قوش كىشىلىك گورۇپپىسى، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكۈچى ۋاڭ جيې ھەم دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ماھىرى، دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىك قۇملۇق ۋالىبولى دۇنيا چېمپىيونى بولغان شيا شىنيى قاتارلىقلار يېتىشىپ چىققان، ئۇلار شىنجاڭنىڭ، ھەتتا مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى تۈرىنىڭ دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يۈزلىنىشىدە ئاجايىپ تـۆھپـىلەرنى قوشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى