باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلاردىن 26 مىڭى كەمچىل ئىكەن

2016.04.27 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 - ئاپرېل، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ چىيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ ئۈچ يىللىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇش سانى يىلدىن يىلغا داۋاملىق ئاشتى.»

  2014- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ھەر يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2014 ـ يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا كەمچىل بولغان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار 16 مىڭ 231 ئادەم، 2015 ـ يىلى18 مىڭ 849 ئادەم بولۇپ، 2014 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 16.1 ئاشقان؛ 2016 - يىلى 26 مىڭ 627 ئادەم بولۇپ، 2015 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ٪ 41.3 كۆپەيگەن.

  ئۈچ يىلغا يېقىن ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن كۆرسىتىلىشىچە، مائارىپ بىلەن سەھىيە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ساھە بولغاچقا، ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى باشتىن - ئاخىر ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. بۇ يىلقى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق ئىگىلىكى ساھەسى ئېھتىياجى بويىچە ئايرىغاندا، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئېھتىياجى چوڭراق ئىكەن، يەنى7934 ئادەم كەمچىل بولۇپ، ئېھتىياج ئومۇمىي سانىنىڭ % 29.8 نى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كەسپىدە 6964 ئادەم كەمچىل بولۇپ، ئېھتىياج ئومۇمىي سانىنىڭ % 26.2نى ئىگىلەيدىكەن.رايونلار بويىچە ئايرىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ئېھتىياج ئومۇمىي سانىنىڭ % 21.1 ۋە % 18.4 ىنى ئىگىلىگەن.

  جاۋ چىيەن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى زورايتتى، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلار جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلاشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ قوللىشىغا موھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ جىددىي بولىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر