باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جان قۇتقۇزىدىغان بۇ دورىلارنى يورۇق جايغا قويسىڭىز دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپ، زەھەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن

2016.04.27 09:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىددىي كېسەللىك كۆرۈلگەندە، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىشتىن باشقا، يەنە جان قۇتقۇزىدىغان دورا ئىچىش لازىم. لېكىن بىر قىسىم جان قۇتقۇزىدىغان دورىنى يورۇقلۇققا قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، كۈن چۈشكەندىن كېيىن ئوكسىدلىنىشنى تېزلىتىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەتتا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  نىترات گىلىتسېرىن: نىترات گىلىتسېرىن تابلېتكا دورىسى ئاساسلىقى يۈرەك سانجىقىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى پەسەيتىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق فارماكولوگىيەلىك رولى قان تومۇر سىلىق مۇسكۇلىنى بوشىتىپ، قان تومۇرنى كېڭەيتىدۇ. دېققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، نىترات گىلىتسېرىن ئۇچۇشچان، تۇراقسىز بولغانلىقتىن، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ، يورۇق چۈشمەيدىغان جايدا ساقلاش لازىم، بىمار يېنىدا ئېلىپ يۈرگەندە، ئەسلىدىكى بوتۇلكىنى ئىشلىتىش كېرەك، ئۇنى باشقا بوتۇلكا ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقىغا قويۇشقا بولمايدۇ. نىترات گىلىتسېرىننىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئادەتتە بىر يىل بولىدۇ، ئەگەر ھەر كۈنى قايتا-قايتا ئېغىزىنى ئېچىپ دورا ئېلىش توغرا كەلسە دورا تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە يورۇقلۇقنىڭ تەسىرىدە كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە قىسقىرايدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىم دورا ئالغاندا تېز ئېچىپ، تېز ئېتىش كېرەك، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىنى چىڭ يېپىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر كەينى-كەينىدىن ئۈچ تال ئېچىپمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى پەسەيمىسە، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى بولغان بولۇشى ياكى باشقا كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم .

  ئامىنوفىللىن: زىققا كېسىلى قوزغالغاندا، بىماردا ھاسىراش، نەپەس تېزلىشىش، يۈرەك ئېغىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئامىنوفىللىن ئىستېمال قىلىنسا ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۈنۈملۈك پەسەيىدۇ. لېكىن قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئامىنوفىللىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا دورىنى رەڭلىك بوتۇلكا ئىچىگە سېلىپ ھەم سالقىن جايغا قويۇش كېرەك. ئەگەر كىچىك دورا قۇتىسىغا سالماقچى بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى بىر كۈنلۈك دورا مىقدارى بويىچە سېلىش، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ھەپتىلىك مىقداردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  ئۇپۇق تۈرىدىكى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى: شور فېنىل ئۇپۇق، نىمولار ئۇپۇق قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنىڭ ھەممىسى نۇر ئاستىدا ئاسان پارچىلىنىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇ دورىلارنىڭ كۆپ قىسمىغا يورۇق توسۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلغان. مەسىلەن، رەڭلىك كاپسۇل بىلەن ياساش ئۇسۇلى قاتارلىقلار نۇر تەسىرىنى كىچىكلىتىدۇ. بۇ دورىلارنى ساقلىغاندا، ئەڭ ياخشىسى سىرتى ئورالغان قەغەز قۇتىدا ساقلاش لازىم. نۇرغۇن ئائىلىدىكى كىچىك دورا ساندۇقى ئادەتتە نۇر ئۆتكۈزىدىغان سولياۋ قۇتا بولغاچقا، ئۇنى قۇياش نۇرى تىك چۈشىدىغان بالكونغا قويماسلىق كېرەك.

  بىمار داۋاملىق دورىنىڭ ۋاقتى ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ھەر ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ئائىلە دورا ساندۇقىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر سۈپىتى ئۆزگەرگەن، نەملىشىپ قالغان، كۆكىرىپ كەتكەن دورىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر