- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى
2016.04.29 15:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 27-ئاپرېل ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن نۇرغۇن مەيدان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يېقىندىن بۇيانقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ھەمدە ئالاقىدار ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە دىنى سىياسەتلىرى، تېررورىزمغا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئاۋسترالىيە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا ئاۋسترالىيەگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق تونۇشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر