باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنىنىڭ لايىھەسىگە گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقتى

2016.04.29 18:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20-سانلىق يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلار يىغىنى ئېچىلىپ، ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنىنىڭ لايىھەسىگە قاراپ چېقىلدى. ئەزا چې گۇاڭتيې مۇنۇلارنى تەكلىپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە مالىيەدىن مەبلەغ سېلىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرسا. ئاممىۋىي مەدەنىيەت مەبلىغى سېلىش پىرىنسىپال بەلگىلىمە بىلەنلا چەكلىنىدۇ. رايونلارنىڭ مالىيە سەۋىيەسى ئوخشاش ئەمەس، بولۇپمۇ بەزى قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا نىسبەتەن قاتتىق چەكلىمە بولمىغاندا، ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش مەبلىغىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس.

  ئەزا ما جىۋۇ مۇنداق دەپ قارىدى: مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاممىۋىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قارىغۇلارچە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى بىكار تۇرۇپ قېلىش، ئىسراپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋىي قۇرۇلۇشلارنى قىلىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىكار تاشلاپ قويىدۇ، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى بەك تۆۋەن، پۇقرالار دائىم ئىشلىتىدىغان مەيدان ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى كەمچىل، ئەمما چوڭ تىپتىكى ئاممىۋىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى بىكار تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، چۈنكى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي نەتىجىسى، ئابرۇي قۇرۇلۇشى. مېنىڭچە، مەجبۇرىي بەلگىلىمىنى كۆپەيتىپ، قانچىلىك نوپۇسى بار شەھەر-بازاردا قانچىلىك كۆلەمدىكى كۈتۈپخانا، تەنتەربىيە مەيدانى ياكى سەنئەت پائالىيەت مەركىزى سېلىش دېگەنلەرنى ئويلىشىش كېرەك. شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدا تەمىنلەش تەكشى بولماسلىق نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە. يېزىلارنىڭ ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قالاق بولۇشى يېزا ئاھالىسىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى چەكلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە بۇ مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىدىن پەرقلىنىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نا خۇي مۇنداق دەپ قارىدى: يېزىلارنىڭ ئاممىۋىي مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دېھقانلار بىلەلەيدىغان، پايدىلىنالايدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىپ، ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتقاندىلا، ئاندىن قىمار ئويناش شامىلىنىڭ يامرىشىنى يىلتىزىدىن توسقىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېزىلاردا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى مول، بەزى يېزىلاردا بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر