باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

2016.04.29 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 27تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى،ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلدى، شىنجاڭدا تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بىر چېكىت سەۋەبىدىن بىئارام بولىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پاسپورتى، كىملىكى قاتارلىق كىنىشكىلەردە ئاھاڭداش خەتلەر، خەت كۆپ ياكى ئاز بولۇپ قېلىش، ئىسىم فامىلىسى ئالدى كەينى بولۇپ قېلىش، ئوتتۇرىسىدا چېكىتنى كىرگۈزۈش قېلىپلاشماسلىق، بىرلىككە كەلمەسلىك مەسىلىسى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  شىنجاڭ ئامما ئۈچۈن ئىسىمنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن باشقا، يەنە ئېچىۋېتىش تەلىپىگە ماسلىشىپ، پاسپورت تارقىتىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، مەملىكەتلىك تېمىلارغا دىققەت قىلىپ، كۆپ يوللار بىلەن بالىلار بۆلۈملىرى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتتى؛ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە قەشقەر كوزىچى يار بېشى مەھەللىسىنى زور كۈچ بىلەن قوغدىدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارغا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ تەدبىر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. 27 تۈرلۈك تەدبىر مەدەنىيەت، داۋالاش، مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  1983-يىلى شىنجاڭ ھەر يىلى 5-ئاينى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى قىلىپ بېكىتتى، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇرۇنقى خىزمەتلەر ئاساسىدا، تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر