باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سىزنى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە مەخپىي يىغىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى پاش قىلىشقا چاقىرىدۇ

2016.04.29 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە تاڭزۇڭزا چاغىنى ھارپىسىدا، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى نازارەتچىلىكنى نۇقتىمۇ-نۇقتا كۈچەيتىپ چىڭ تۇتۇش، «تۆت خاھىش» نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىش ئۈچۈن، بۇ تور بېكىتى 28-ئاپرېلدىن باشلاپ «<1-ماي> ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىپ پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى» تەسىس قىلدى.

  مەخسۇس رايونغا «پاش قىلىمەن» دېگەن كۆزنەك تەسىس قىلىنىپ، تورداشلار تور بېكىتى، تور ئابۇنىچىلىرى ۋە جامائەت ئۈندىدارى ئارقىلىق، بايرام مەزگىلىدە شەخسىي تۇرالغۇلارغا كىرىپ چىقىش، مەخپىي يىغىلىشقا تەشكىللەش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش ۋە ساياھەت قىلىش، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى نازارەت قىلىپ پاش قىلىشقا چاقىرىلغان.

  مەخسۇس رايوننىڭ «ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئىستونىدا، 4-مايدىن باشلاپ ئالتە ھەپتىگىچە ھەر ھەپتىدە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ئاشكارىلىنىدۇ. «<تۆت خاھىش> نى نازارەت قىلىش قاراۋۇلى» مەخسۇس سەھىپىسىدە تىپىك مەسىلىلەر داۋاملىق ئىنچىكە تەھلىل قىلىنىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ.

  مەخسۇس رايوندا يەنە «تورداشلار سۆز قالدۇرۇش» ئىستونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تورداشلارنى ناتوغرا ئىستىللار توغرىسىدىكى كۆرگەن-ئاڭلىغان يېڭى ھەرىكەت، يېڭى ئىپادىلەرنى بۇ ئىستونغا يېزىپ قالدۇرۇش، يوشۇرۇن، ئۆزگىرىشچان «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى تېپىپ چىقىش ھەم ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق چەكلەش ئۈستىدە ئەقىل كۆرسىتىشكە چاقىرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر