باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى: تىنچلىق ئورنىتىش خىزمىتىدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يېتەكچى ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك

2016.04.29 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇش ۋەكىلى ليۇ جېيى 27-ئاپرېل مۇنداق دېدى: توقۇنۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق ئورنىتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغاندا خەلقئارا جەمئىيەت ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يېتەكچى ئورنىغا، ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپى بويىچە ئىجابىي ياردەملەرنى بېرىشى كېرەك.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش سىستېمىسىنى باھالاش قارارىنى ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆلىنىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ليۇ جېيى مۇنداق دېدى: بىز كەڭ ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرگە قارارنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش ساھەسىدىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشتىكى مۇھىم مەجبۇرىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر