- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى كونا نەشرىدىكى تالوننىڭ ئەڭ كېيىن بولغاندا 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.04.29 15:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-مايدىن باشلاپ بېيجىڭ يەرلىك باج ئورگىنى ئەمدى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى باج تاپشۇرغۇچىغا تالون تارقاتمايدۇ
دۆلەت باش باج ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 1-ماي تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، نىمكەش ئۆي سودىسى ۋە شەخسىي ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆينىڭ بېجىنى تاپشۇرغۇچى تاپشۇرىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى يەرلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسى يەنىلا دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن يىغىدۇ. دېمەك، بۇرۇن باج ئىشلىرىنى قەيەردە بېجىرگەن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇيەرگە بېرىپ بېجىرىدۇ، بېجىرىش تەرتىپى ۋە تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللار ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ.
نىمكەش ئۆي سېتىش-سېتىۋېلىش باج نىسبىتى تۆۋەنلىدى
بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ تۈنۈگۈن زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارقىلىپ يۈرگەن تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، نىمكەش ئۆيلەرنى سېتىش-سېتىۋېلىش باج نىسبىتى ئۆسىدۇ، دېگەن گەپنىڭ ئەكسىچە، تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇنقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە نىمكەش ئۆيلەرنى سېتىش-سېتىۋېلىش باج نىسبىتى چۈشكەن. ئەسلىدىكى تىجارەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى 5% بولسىمۇ، قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يەنىلا % 5 بويىچە ئېلىنغان، لېكىن تىجارەت بېجى باھا ئىچىدىكى باج، قوشۇلما قىممەت بېجى باھا سىرتىدىكى باج بولغاچقا، باج تاپشۇرۇش سوممىسىدا ئازراق پەرق بولغان.
نىمكەش ئۆي، ئىجارە بېرىلگەن ئۆيلەرنىڭ باج ئېلىش كۆزنىكى كۆپىيىدۇ
ئىگىلىنىشىچە، تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگىرىشنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، كۆچمەس مۈلۈك بولغان نىمكەش ئۆي، شەخسىي ئىجارە بېرىلگەن ئۆيلەرنىڭ باج تاپشۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسى بايلىق يىغىش-باشقۇرۇشنى تەڭشەپ، ئىش بېجىرىش كۆزنىكى ۋە خادىملارنى كۆپەيتىپ، بۇرۇنقى 279تىن 349 كۆزنەكگىچە كۆپەيتكەن، باج بېجىرىش خادىملىرى ئىلگىرىكى 1044 ئادەم دىن 1160 ئادەمگە كۆپەيگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر