باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرمىنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى فېدېراتسىيە مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

2016.04.29 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېرما فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى ۋۇ رۈيمان تۈنۈگۈن فېدېراتسىيە پارلامېنت يىغىنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فېدېراتسىيە مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئون نەچچە ئەزاسىنىڭ يېقىندا بۇ پارتىيە تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  ۋۇ رۈيمان ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ فېدېراتسىيە مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بۇ قارارىنى قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ۋۇ رۈيمان شۇ كۈندىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ھېچ كىم ئۆزىنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويالمايدۇ، قانۇن بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇسىدەك تۈزۈم ئۈچۈن، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىدىنمۇ مۇھىم بىلىشى كېرەك.

  خەۋەرگە قارىغاندا، جەمئىي 17 ئادەم مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بىراق، بۇ پارتىيەنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى: پارتىيەمىز بۇ كىشىلەرنى قوغلاپ چىقارمىدى بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن پېنسىيەگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلدى دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر