باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كادىرلار تورغا چىقىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

2016.04.29 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئاپرېل، جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت تورى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 22 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئەمما بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، 19-ئاپرېل، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  تورنىڭ ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇشى، جۇڭگونىڭ تور ئالاقە ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە، ھازىر جۇڭگودىكى تور ئەھلى 700 مىليونغا يەتتى. ھالبۇكى، 700 مىليون ئادەمنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاش، ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. تور ئەھلىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، تور ئەھلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلق رايىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ۋە خەلققە بەخت يارىتىش ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيىتى.

  بۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ « دائىم تورغا چىقىپ قاراپ بېقىشىنى، پاراڭلىشىشىنى، گەپ قىلىشى»نى تەلەپ قىلىدۇ. تور ئارقىلىق ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا كەڭ قورساق بولۇشىمىز، سەۋرچان بولۇشىمىز، سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىشىمىز، بۇنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر