باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى: جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنى قارشى ئالىمىز

2016.04.29 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق جۇڭگو ۋە ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودا ھەمكارلىقى مۇنبىرى 27-ئاپرېل ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى، نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇھىم سودا شېرىكلىرى، ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ئىقتىساد-سودا، ساياھەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ، ياۋروپا جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ دېدى.

  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى كرودىيا ئاگۇئار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيادىكى بىر ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇھىم سودا شېرىكلىرى، بىر بىرىنىڭ مۇھىم ئىمپورت مەنبەسى، جۇڭگو يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېكسپورت بازىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا تېخىمۇ ئەركىن ۋە بىخەتەر بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر