باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بۇنىڭدىن كېيىن «خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش ئالاقە كارتىسى» ئىشلىتىلمەيدۇ

ئاممىنىڭ سەپىرىگە قولايلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2016.04.29 12:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سادىق ئىمىر، سۈي يۈنيەنلەرنىڭ 27- ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى»دىكى تۇنجى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 1- مايدىن باشلاپ، شىنجاڭدا «خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش ئالاقە كارتىسى» ئىشلىتىلمەيدىكەن، بۇ تەدبىر شىنجاڭنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى»دىكى 27 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنىڭ بىرى ئىكەن.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2015- يىلى شىنجاڭدىكى كۆچمە نوپۇس 4 مىليون 600 مىڭ كىشىدىن ئاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى شىنجاڭدا يۆتكىلىپ يۈرىدىكەن. كۆچمە ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ كۆچمە ئاھالىلەرگە ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 2014- يىلى 1- مايدىن باشلاپ خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش ئالاقە كارتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

  خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش ئالاقە كارتىسى تۈزۈمى كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، مۇلازىمەت دەل جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قىسىم ئاممىنىڭ سەپىرىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى. 2- ئەۋلاد كىملىك فۇنكسىيەسىنىڭ كۈچىيىشى، ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە كۆچمە ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ كارتا ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان خەلققە چېتىشلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەم ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم خىزمەت. كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش تېخنىكا ۋاسىتىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش ئالاقە كارتىسىنى قايتا ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلدى، بۇ كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ كۆپىيىش يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتىكى ئوتتۇرا ھالقىنى ئازايتىش، ئاممىنىڭ سەپىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچ ۋە قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تارماقلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايدىكەن ھەم كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي- قانۇن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىدىكەن.

  ج خ تارماقلىرى كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىنى تىزىملاش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئەتراپلىق ئىشلەپ، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنىڭ دەل جايىدا ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ تەدبىرلەر كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ توپلاش شەكلىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمە ئاھالىلەرنى ۋاقتىدا، ئەتراپلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ شىنجاڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت پىكرىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى بار خادىملارنى جامائەت ئاساسىي مۇلازىمىتى ۋە قولايلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش؛ كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر