باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فۇمىئو كىشىدا جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ ناھايىتى كۆپ ئىجابىي سىگنال يەتكۈزدى

2016.04.29 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا يېقىندا جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ ناھايىتى كۆپ ئىجابىي سىگنال يەتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇاچۈنيىىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياپونىيەنىڭ سۆز ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى ئېنىق، جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرى تامامەن قانۇنلۇق. دېڭىز ساھىلى سىرتىدىكى دۆلەت بولغان ياپونىيە بۇ مەسىلىدە قالايمىقان گەپ قىلماسلىقى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز فۇمىئو كىشىدانىڭ نۇرغۇن ئىجابىي سىگنال بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلدۇق. ياپونىيەنىڭ سۆز ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى ياپونىيە بۇ مەسىلىدە يەنىلا قالايمىقان گەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە مەن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئەسى سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى ئېنىق. جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرى تامامەن قانۇنلۇق، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. بولۇپمۇ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە دېڭىز ساھىلى سىرتىدىكى دۆلەت بولغان ياپونىيە ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە پىسخىكىلىق ھالىتىنى توغرىلاپ، جۇڭگو توغرىسىدا قالايمىقان گەپ قىلىدىغان ئىشلارنى توختىتىشى، بەزى دۆلەتلەرگە ئەگىشىپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىسىز ئىشلارنى تېخىمۇ قىلماسلىقى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر