باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر ياڭ چاڭفېڭ بىلەن كۆرۈشتى

يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭدا ئىشلىنىش ئورنى زور

2016.04.29 12:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 27- ئاپرېل جۇڭگونىڭ يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ياڭ چاڭفېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ياڭ چاڭفېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭغا «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى» گە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھەم يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ قوللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى.

  شۆھرەت زاكىر ياڭ چاڭفېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئېلىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بولۇپ، پەن- تېخنىكا سەۋىيەسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، جۇڭگولۇقلار بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، نوپۇسى شالاڭ، شىنجاڭ ھازىر ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن جىددىي ئىشلىتىش ئېھتىياجى بار، بولۇپمۇ قاتناش، ئۆلچەش- سىزىش، گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىق، مېتېئورولوگىيە، پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئاساسىي ئۇچۇرلار تېخىمۇ توغرا ئىگىلىنىپ، خىزمەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، سېلىنما، تىجارەت تەننەرخى ئازايتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. ياڭ چاڭفېڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسىنىڭ قوللىنىش ساھەسىدە شىنجاڭ بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شىنجاڭمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي پەن- تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ياڭ چاڭفېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىتى يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ قوللىنىشىنى ئىنتايىن ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى، يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭدا ئىشلىنىش ئورنى زور. بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى شىنجاڭنىڭ يەتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى قوللىنىشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر