باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شويگۇ: كۆپ دۆلەتنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش پىلانىنى قوللىشى خەلقئارا بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى رامكىسىنى بۇزىدۇ

2016.04.29 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ 27-ئاپرېل: كۆپ دۆلەتنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش پىلانىنى قوللىشى خەلقئارا بىخەتەرلىك رامكىسىنى بۇزماقتا دېدى.

  شويگۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلاردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى ھەمدە خەتەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىشكە باشلىدى. بۇ تەدبىرلەر رۇسىيەنى ئالاقىدار ھەربىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 26-ئاپرېل «رۇسىيەنىڭ 2015-يىللىق دىپلوماتىيە پائالىيىتىنىڭ قىسقىچە بايانى»نى ئېلان قىلدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئېنىق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، رۇسىيەنىڭ چېگرا رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى رۇسىيەگە قارىتىلغان. رۇسىيە ئۆز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر