باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە «ئالتۇن مېداللىق تەشۋىقاتچى»لار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.29 12:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن «ئالتۇن مېداللىق تەشۋىقاتچى»لار مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى دولان يېزىسى دولان كەنتىنىڭ مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇسابىقىگە ئاۋات ناھىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارە-ئورگانلار، ھەر قايسى يېزا-بازارلار، ناھىيەگە قاراشلىق دېھقانچىلىق باشقۇرۇش كومىېتېتلىرىدىن كەلگەن 110 ماھىر قاتناشتى. مۇسابىقە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، يۈنۈلۈشنى توغرا ئىگىللەش، مەزمۇنى ساغلام بولۇش، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىلى راۋان، كەيپىياتى تۇراقلىق، ئىپادىلەش ئىقتىدارى يوقىرى، كىيىم-كېچەكلىرى رەتلىك، جەلب قىلارلىق بولۇش تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. ماھىرلار كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاخىرىدا باھالىغۇچىلارنىڭ نۇمۇر قۇيۇشى، نازارەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر 2000 يۈەن بىلەن، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر 1000 يۈەن بىلەن، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر 500 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىپ، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى ماھىر «ئالتۇن مېداللىق تەشۋىقاتچى»، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۆت ماھىر «كۈمۈش مېداللىق تەشۋىقاتچى»، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئالتە ماھىر «مىس مېداللىق تەشۋىقاتچى›› نامىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر