باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت بىر قاتار مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

2016.04.29 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، توقۇنۇشتىن ساقلىنىشتىن قايتىدىن قۇرۇشقىچە بولغان بىر قاتار مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتمەكچى بولدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنى قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىق ئورنىتىش خىزمىتىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى قارشى ئالدى ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە «كۈچلۈك سىگنال چىقىرىش»قارارىنى ماقۇللىدى دەپ ھېسابلىدى.

  بان كېمون مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىستېمىسى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، توقۇنۇشنىڭ قايتىدىن يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە توقۇنۇشنىڭ مەنبەيىدىن ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر