باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى جۇڭگو تور نەشر ھوقۇقىنى قوغداش يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2016.04.29 18:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىللىق جۇڭگو تور نەشر ھوقۇقىنى قوغداش يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىندى. ئېلىمىز تورغا ئالاقىدار ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش دېلولىرىغا يەنىمۇ زەربە بېرىدۇ، نەشر ھوقۇقى، تور مۇلازىمىتى سودىگەرلىرى ۋە ئابۇنتنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە جەمئىي 2118 تور نەشر ھوقۇقى دېلوسى يۈز بېرىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.3 ئاشقان. 2014-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ئېلىمىزنىڭ تور ئەدىبلىرى ئوغرىلىقچە نەشر قىلىش سەۋەبىدىن تەخمىنەن 7 مىليارد 700 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان تارتقان. ھالبۇكى، نەشر ھوقۇقىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىسپات ئېلىش تەس، تەننەرخ يۇقىرى، دەخلى تەرۇز قىلىشقا ھۆكۈم قىلىش ۋە تۆلەم بېرىش ئۆلچىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، قىسمەن ھوقۇقدارلار ھوقۇقىنى قوغدايمەن دەپ زىيان تارتتى. دۆلەتلىك نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن شياۋخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە ئىنتېرنېت كارخانىلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەر تەڭشىلىپ، تورغا ئالاقىدار ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىلىدۇ.

  يەن شياۋخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنتېرنېت كارخانىلىرىنى قانۇنلۇق تىجارەت ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئىچكى جەھەتتىكى نەشر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ھوقۇقدار تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوغرىلىقچە نەشر قىلىش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ئۇچۇر ئالاقە مېخانىزمىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش. جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر