باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

2016.04.29 18:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى 28-ئاپرېل ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خىزمىتى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشقا ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ئېلىمىز-يەر شارىدىكى ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئەڭ مول بولغان 12 دۆلەتنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئالاھىدە تۈرلەر ناھايىتى كۆپ. بىراق، مەملىكەت بويىچە ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، قونالغۇ تارىيىش، سۈپىتى تۆۋەنلەش، سۈنئىي ھەرىكەتلەر كاشىلا قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئېلىمىزدىكى %87.7 ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ماكانى ئۈزلۈكسىز تارىيىپ كەتكەن. يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ قونالغۇسى، قۇش توپلىرىنىڭ پائالىيەت رايونى ھەم ئۇچۇش يوللىرى يەر ئېچىش، يېزا ئىگىلىكتە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى ناھايىتى مۇھىم ھەم تەخىرسىز خىزمەت دېيىشكە بولىدۇ. دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى مۇنداق دېدى: بىز كېيىنكى قەدەمدە، ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش جەريانىدا، قونالغۇ ھەم ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى تېخىمۇ مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئەڭ ھالقىلىق خىزمەت قىلىمىز. تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون ۋە دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسلىق ۋاسىتە قىلىمىز شۇنداقلا ئالاقىدار قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى چىڭىتىپ، قانۇنسىز ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك سودىسىغا قاتتىق زەربە بېرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر