باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 68-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2016.04.29 18:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 68-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلاتلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قاراپ چىقىش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، «سىماب توغرىسىدىكى مىناماتا ئەھدىنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش تەكلىپىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە لايىھەسىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى دوكلات، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەشۋىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىكى قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، بۇ قارار ۋە لايىھەلەر يەنىمۇ قاراپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، 69-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20-سانلىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش-سۇنماسلىق قارار قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر