باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ماي دەم ئېلىشىدا تاشيول قاتنىشى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆپىيىدۇ

2016.04.29 18:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىچە، 1-ماي دەم ئېلىشىدا تاشيول قاتنىشى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆپىيىدىكەن، ساياھەتكە چىقىش، تۇغقان يوقلاش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزى ماشىنا ھەيدەيدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدىكەن، بىخەتەرلىك خەۋىپىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆپىيىدىكەن. يېقىنقى بەش يىلدىكى 1-ماي دەم ئېلىشىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بەلگىلىمە بويىچە يول بەرمەسلىك، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، كىنىشكىسىز ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ھادىسە تۇغدۇرۇش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىننى ئىگىلىگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تاشيول چارلاش ساقچىلىرى يېتەكچىلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى ۋېي مۇنداق دېدى: قاتناش بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مۇنداق تۆت تەكلىپ بېرىمىز: بىرىنچى، سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ماشىنىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈگىتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، يولنىڭ قاتناش ئەھۋالى ۋە ھاۋارايىغا دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك؛ ئۈچىنچى دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، چارچاپ ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ تۆتىنچى، بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەشكە دىققەت قىلىپ، جىددىي يولنى ئىگىلىۋالماسلىق، خالىغانچە ياندىماسلىق، ئاچچىقلىشىپ ھەيدىمەسلىك، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا چىقىشتىن ئۆتۈپ كەتكەندە، ماشىنىنى جىددىي تورمۇزلاپ ياندىماسلىق، كەينىگە ياندۇرماسلىق، تەتۈر ھەيدىمەسلىك، سوڭدىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر