باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى: يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىش خىزمىتى باشلىنىدۇ

2016.04.29 18:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئامبار تەييارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يىل دۆلەت مۇنۇلارنى بەلگىلىدى: ھاۋالە قىلىش ياكى ئىجارىگە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن جەمئىيەتتىكى ئامبار زاپىسى ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا بولىدۇ، شۇڭا ئامبار سىغىمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور.

  يەنە 20 نەچچە كۈندە بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىقنى يىغىپ سېتىۋېلىش جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ، يەنە بەش ئايدىن كېيىن كۈزگى ئاشلىق ۋاقتى بولىدۇ، ھالبۇكى بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە نۆۋەتتىكى ئامباردىكى ئاشلىق زاپىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا تۇرماقتا، بۇ يىلقى ئاشلىقنى يىغىۋېلىش زاپاس ساقلاش زىددىيىتى مىسلىسىز گەۋدىلىك بولماقتا، ئامبار قىس بولۇش مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رېن جېنشياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ جەھەتتىكى خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ ئامبار سىغىمى كېڭەيتىلمەكتە.

  بىرىنچى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئامبارنى بوشىتىپ، ئاشلىق زاپىسىنى ئامالنىڭ بارىچە تېز بىر تەرەپ قىلىش. ئىككىنچى، ئامبار سېلىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش. ئۈچىنچى، جەمئىيەتتىكى ئامبارلاردىن پايدىلىنىش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، يازلىق ئاشلىق يىغىپ سېتىۋېلىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىكەن، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقنى يىغىپ سېتىۋېلىش ئومۇمىي مىقدارى 160 مىليارد جىڭدىن ئاشىدىكەن. رېن جېڭشياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاشلىق زاپىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش پۈتكۈل ئاشلىق يىغىۋېلىش زاپاس ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئاساسى. ئالاقىدار تارماقلار ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئاشلىق زاپىسىنى ئازايتىشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرھال ئامبارلارنى بوشىتىپ يېڭى ئاشلىقنى يىغىۋېلىشقا تەييارلانماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر