باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلدى

شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.04.27 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى» 26-ئاپرېل ئېلان قىلىندى. پىكىردە 2020-يىلغىچە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ ئاساستا يەنە 10 يىل سەرپ قىلىپ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلغىچە، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. كەسىپلەرنى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيىگە يۈزلەندۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش؛ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك يېڭى ئەندىزىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ماس قەدەملەشتۈرۈش؛ بايلىقى تۈگىگەن، سانائىتى ئاجىزلاشقان رايونلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەك. بۇ ئاساستا، يەنە 10 يىل سەرپ قىلىپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇقىم ئىقتىساد تايانچ بەلبېغىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر