باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەتتە مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

2016.04.27 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى 26-ئاپرېل، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يېقىندا دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خادىملىرىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان يەتتە مەسىلىنى ئاشكارا ئېلان قىلغانلىق خەۋىرىنى بەردى، بۇ يەتتە مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو تېلېگرافى بېيجىڭ شىركىتىنىڭ سابىق لېدىرى لى بو قاتارلىقلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسى.

  جۇڭگو تۆمۈر يولى 24-ئىدارىسى گۇرۇھى ئەنخۇي شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش ئېنژىنېرى، تۇرۇبا ياپراقچىسى زاۋۇتىنىڭ باش دېرىكتورى، قوشۇمچە پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى لى بىخەينىڭ توي-تۆكۈن نەزىر-چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى.

  شاڭخەي نېفىت-خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى، «جىنماۋ» شىركىتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بېرىش مەسىلىسى.

  دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى باھالاش 1-ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، قوشۇمچە كېمە-پاراخوت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ۋېيجۈننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىپ يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش مەسىلىسى.

  جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى ئەنخۇي ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇكاپات تارقىتىش مەسىلىسى.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى بېيجىڭ شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى گاۋ سۇڭلىن قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى «1-ماي»بايرىمى، تاڭزۇڭزا بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىسراپخورلۇق قىلىپ راھەت-پاراغەتكە بېرىش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بالدۇر، كىچىكىدىن تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاخىرقى چەكنى ساقلاپ، قايتا يۈز بېرىشتىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىشنى تەكىتلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر