باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش كەسپى شىنجاڭ پوچتا تور نۇقتىسىغا «ماكانلاشتى»

2016.04.27 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26 - ئاپرېل، پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش كەسپى شىنجاڭ پوچتا شىركىتىنىڭ قىسمەن تور نۇقتىلىرىغا «ماكانلاشتى»، بۇ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا شىركىتى بىرلىشىپ يولغا قويغان بىر خىل ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىش مۇلازىمىتى بولۇپ، بۇندىن كېيىن يولۇچىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 53 پوچتا تور نۇقتىسىدا پويىز بېلىتى سېتىۋالسا بولىدۇ.

  يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن كۆپ خىللاشقان، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بېلەت سېتىش شەكلى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم راتونلۇق پوچتا شىركىتى بايلىق مەنبەسى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە 53 پوچتا تور نۇقتىسىدا بېلەت سېتىش مۇلازىمىتى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش (چىقىرىش) كەسپىنى يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئۆز مەھەللىسىدىلا قولايلىق بولغان پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ باۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆمۈريول يولۇچىلار بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش كەسپىنى يولغا قويغان پوچتا تور نۇقتىلىرى ئۈرۈمچى، قۇمۇل، تۇرپان، ﻛﻮﺭلا، ئاقسۇ، غۇلجا، شىخەنزە، كۈيتۈن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، كۆزنەكتە بېلەت سېتىش ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلغان. بۇلار ئىچىدە، كۆزنەكتە بېلەت سېتىش ئورنىدىن 23 ى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش (چىقىرىش) ماشىنىسىدىن 30 ى بار. بۇيىل ئىچىدە، يەنە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۆمۈريول يوق ھەرقايسى بېكەتلەردىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق پوچتا تىجارەت زالىدا پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىدىن 50ى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدە پوچتا تور تۆمۈريول يولۇچىلار بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش مۇلازىمەت دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ، بۇ پوچتا تىجارەت تور نۇقتىسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە قاتارلىق قاتناش قولايلىق، نوپۇس توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا تارقالغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىپ سەپەرگە چىقىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر