باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كىنو سەنئىتى ئۈچۈن ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلىگەننىڭ نەتىجىسى كۆرۈلدى

ئۇيغۇر كىنولىرى خەلقئارا سەھنىلەرگە يۈزلەندى

2016.04.27 14:41   مەنبە: خەلق تورى

ئۇيغۇر كىنولىرى خەلقئارا سەھنىلەرگە يۈزلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو سەنئىتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلدى. شىرزات ياقۇپ قاتارلىق رېژىسسورلار يېتىشىپ چىقىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلدى. يېقىنقى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە «مېھىر-مۇھەببەت»، «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» قاتارلىق كىنولار مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا مۇكاپاتلاندى. «مېھىر-مۇھەببەت» فىلىمى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتى ۋە دۆلەت كىنو ئىدارىسى تارقاتقان «جۇڭگودىكى تارقىلىش كۈچى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇش تۆھپە مۇكاپاتى» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپلا قالماي، ھىندىستان، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، خەلقئارادا ياخشى باھاغا ئېرىشتى. بۇ يىل ئاپرېلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مىللەتلىرى كىنو فېستىۋالىدا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر «ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ، پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقىنىلا ئەمەس، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى خۇش قىلدى.

  «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» فىلىمى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن تۇنجى بازارلىق كومىدىيە فىلىمى بولۇپ، جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتى «ئالتۇن خوراز» تاجىسىنى كىيىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە شىياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىدا قويۇلۇپ، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر فىرانسىيە، ئەنگلىيە، قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى. بۇ شەرەپلەر تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسىنىڭ «شىنجاڭنىڭ كىنو فىلىملىرىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈم بەرگەنلىكى، رېژسسور ۋە ئاكتىيورلىرىمىزنىڭ كەسپىي جەھەتتىن كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەم شىنجاڭنىڭ كىنو ئىشلەش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى بۇ ئىككى فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە شان-شەرەپلىرىدىن بىرلىكتە شادلىنىش مەقسىتىدە ئاساسلىق رېژسسور ۋە ئاكتىيورلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى كەڭ خەلققە ئاشكارلىدى.

  تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژسسورى شىرزات ياقۇپ مۇنداق دېدى: بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەن رېژسسورلۇق قىلغان «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى»، «گۈزەل ماكان»، «گۈلبېكە»، «ئۈرۈمچى ئاسمىنى»، «مېھىر-مۇھەببەت» قاتارلىق كىنولار چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. ئەمما بۇ قېتىم كىنوچىلىق ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان دۆلەت _ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كىنو فېستىۋالىدا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر «ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ، ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىققا ئېرىشتىم. مەن چەت ئەللەرگە چىقىپ كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىشىمدىكى مەقسەت_كىنوچىلىقىمىزنى چوقۇم مەملىكەت سەھنىلىرىدىن ھالقىتىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە نامايان قىلىش. بىز باشقىلارنىڭلا كىنولىرىنى كۆرۈپ قالماي، باشقىلارغىمۇ كىنولىرىمىزنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى، مەدەنىيتىمىزنى نامايان قىلىش ھەم ئاكتىيورلۇق، سىنارىيە يېزىش ۋە رېژسسورلۇقتا تەربىيەلىنىۋاتقان ياشلارغا پەقەت تىرىشساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى، خەلقئارا كىنو ساھەسىدىمۇ «دوئىل»غا چۈشەلەيدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا «ئۈمىد چىرىغى» يىقىپ بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىۋاتىمەن.

  ھەنىپە ئانىنىڭ رولىغا چىقىپ دۇنيا خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ئاكتىيور قۇندۇزئاي تاش مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمنىڭ بۇنچە كۆپ شان-شەرەپ قازىنىشى مەن رولغا چىققان ھەنىپە ئانىنىڭ ھەقىقىي بىر ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مىللەت ئايرىماي، يىتىم بالىلارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ بىقىپ چوڭ قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇ فىلىمنى قىش پەسلىدە سۈرەتكە ئالغاچقا، سوغۇق سۇدا قوينىڭ ئىچ ئەزالىرىنى يۇيىدىغان كۆرۈنۈشنى قايتا-قايتا ئېلىش مېنى شۇنچىلىك قىينىغانىدى. لېكىن رۇسىيەدەك ئاكتىيورلارغا كەسپىي جەھەتتىن ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بىر دۆلەتتە ئۇلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ھەم ئامېرىكىدا ئەڭ چوڭ مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولۇپ، فىلىم ئىشلىگەندىكى جاپالارنىڭ ھاردۇقى چىقتى.

  ھەبىبۇللانىڭ رولىنى ئالغان بەختىيار ئېزىز مۇنداق دېدى: مەن بىر ياش ئاكتىيور بولۇش سۈپىتىم بىلەن يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدا ئىشلىنىۋاتقان نۇرغۇن كىنولاردا رول ئېلىۋاتىمەن ۋە رېژسسورلۇققا قەدەم قويۇۋاتىمەن. بۇ فىلىمنىڭ خەلقئارادا خېلى كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى، ئامېرىكىدەك فىلىم ئىشلەشتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بولغان بىر دۆلەتتە بىزنىڭ فىلىمنىڭ ئېتىراپ قىلىنىپ، ئەڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بىز ئۈچۈن چوڭ بىر ئامەت. مۇشۇ مۇكاپات ئارقىلىق بىزدە دۇنيانى تەسىرلەندۈرگۈدەك ھېكايىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن فىلىم ئىشلەش ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردە قورقمىساقمۇ بولىدىغانلىقىنى، مەزمۇننى ياخشى تاللاپ، ياخشى تېخنىكا بىلەن ئىشلىسەكلا، بىزگە يولنىڭ ئوچۇقلۇقىنى، خەلقئارا سەھنىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت بىزنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى.

  تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئاكتىيورى ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇنداق دېدى: مەن ئاكتىيور بولۇش سۈپىتىم بىلەن نۇرغۇن فىلىمدە رول ئالدىم. لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» فىلىمىلا فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. ئۇيغۇرچە بىر كىنونى چەت ئەلدە قويۇپ ناھايىتى پەخىرلەندۇق. تاماشىبىنلارنىڭ كۈلگەن ھەم چاۋاك ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھاردۇقىمىز چىقتى. مەن بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىنكى خەلقىمىزنىڭ ئالقىشلىرى، ھەتتا بەزى كىشىلەرنىڭ كىنوخانىلاردا ئالتە-يەتتە قېتىم كۆرگىنىدىن بىز خەلقىمىزنى مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرغۇدەك فىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن خەلقىمىز كورىيە، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىنولىرىنى كۆرىدىغانلىقىنى، ياخشى فىلىم ئىشلىيەلىسەكلا ئۆز خەلقىمىزلا ئەمەس، خەلقئارادىكى تاماشىبىنلارنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

  دىلشات بارات سۇلتان مۇنداق دېدى: 80-يىللاردا كومىدىيەلىك فىلىمنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلى ئىدى. 30 يىلدىن كېيىن ئىشلەنگەن كومىدىيە تۈسىنى ئالغان، سودا خاراكتېرلىك، يىنىك كومىدىيەلىك فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، تاماشىبىنلارنىڭ كومىدىيەلىك فىلىمغا ئىنتىزار بولغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە مەنىۋى زۇق بېغىشلىيالايدىغان، كۈلكە ئاتا قىلالايدىغان فىلىملەرنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم، ئىشىنىمەنكى بۇنىڭدىن كېيىنكى فىلىملەردە كومىدىيەلىك ئارتۇقچىلىقىمنى تېخىمۇ قىزىپ چىقىپ جارى قىلدۇرۇپ، خەلقىمگە كۆپ خۇشاللىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

  مۇھەممەتجان روزى سايىت مۇنداق دېدى: مەن بۇرۇن نۇرغۇن رەقەملىك فىلىملەرگە چىققان. قىزىقچىلىق قىلىپ رول ئالغان. لېكىن چوڭ ئېكرانلىق كىنودا تۇنجى قېتىم رول ئىلىشىم ئىدى. شۇڭا سەل ئەنسىرىگەن ئىدىم. فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نادىر ئەسىرى» بولۇپ باھالاندى، چەت ئەللەردىكى كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتناشتى. مەن تۇنجى كىنوچىلىق سەپىرىمنىڭ ئىنتايىن غەلىبىلىك بولغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە خەلقىمىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان مۇشۇنداق فىلىملەردە رول ئېلىپ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئارزۇيۇم بار.

  تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژسسورى ئارسىلان ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بىز بۇرۇن فىلىم ئىشلەشتە شىنجاڭنىلا چىقىش قىلىپ فىلىم ئىشلەيتتۇق. بۇ قېتىم ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكرى بويىچە خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە ئىشلىدۇق. ئاقىۋەتتە بۇ فىلىم شىنجاڭدىكى تۇنجى بازارلىق، پۇل تاپقان فىلىم بولدى. خەلقئارا فېستىۋاللاردىمۇ چەت ئەل خەلقلىرى كۈلدۈرەلىدى. بىز يېقىندا قىرغىزىستانغا فىلىمنى سېتىپ بېرىدىغان، ئۇلار تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بېرىپ قويىدىغان بولدى. بىز خەلقىمىزنىڭ كومىدىيەلىك فىلىمغا بولغان قىزىقىشىنى ھېس قىلىپ، «تاش دېگەن شۇنداق نەرسە» دېگەن تېمىدىكى يېڭى فىلىمغا تۇتۇش قىلدۇق، بۇ فىلىمنى خەلقىمىز ھەم چەت ئەل خەلقلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …