باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تور مۇزىكا نەشر ھوقۇقى ماجىراسى كۆپىيىپ، كۆرۈنمە چاستوتا ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش دېلوسىنىڭ سانى ئازايدى

2016.04.27 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تور نەشر ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنى 26-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن شياۋخوڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: گەرچە ئېلىمىزدە نەشر ھوقۇقىنى قوغداش چوڭ مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ئېلىمىزدە نەشر ھوقۇقى زىددىيىتى داۋاملىشىپ، ماجىرا كۆپ يۈز بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەريانى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە جاپالىق بولىدۇ.

  جۇڭگو ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش تەتقىقات يۇرتى يىغىنىدا « 2015-يىللىق جۇڭگو تور نەشر ھوقۇقىنى قوغداش يىللىق دوكلاتى» ئېلان قىلىندى، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە 2118 تور نەشر ھوقۇقىغا ئالاقىدار ھەق تەلەپ دەۋاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، 2014-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ٪ 28.3 ئاشقان. «دوكلات»تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تور مۇزىكا ساھەسىدىكى نەشر ھوقۇقى ماجىراسىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، سوت مەھكىمىسى سوت قىلغان تور نەشر ھوقۇقى دېلوسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان. 2015-يىلى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلغان تور مۇزىكا ھەق تەلەپ دېلولىرىنىڭ سانى 687 بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى تور كۆرۈنمە چاستوتا دېلوسىنىڭ ئورنىنى باسقان. 2015-يىلى تور ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى ئەڭ كۆپ بولغان بولۇپ، پۈتكۈل ئۇچۇر تورى تارقىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش دېلوسىنىڭ ٪ 44 نى ئىگىلىگەن.

  تور مۇزىكا ماجىراسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2015- يىلى كۆرۈنمە چاستوتا ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش دېلوسىنىڭ سانى ئازايغان، 2015 - يىلى مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى كۆرۈنمە چاستوتا ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش دېلوسىدىن 291 سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان بولۇپ، بارلىق تور نەشر ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش دېلوسىنىڭ %18 نى ئىگىلىگەن، 2014-يىلىدىكىدىن % 26 ئازايغان. بۇ، 2015-يىلى تور كۆرۈنمە چاستوتا نەشرىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغان 16 ۋىدېئو تور بېكىتى ئارىسىدا، ئونى ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش ماجىرا دېلوسىغا چېتىشلىق، 30ى دېلوغا چېتىشلىق بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن % 65 تۆۋەنلىگەن، 2015 - يىلى كۆرۈنمە چاستوتا ساھەسىدە نەشر ھوقۇقى تەرتىپىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى نامايان قىلىندى.

  باشقا تۈردىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلولىرى ئىچىدە، تور ئەدەبىياتى دىلوسى 217 بولۇپ، ٪14 نى ئىگىلەپ، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش تۈردىكى دېلو سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن؛ سۈرەت ئەسەرلىرى دېلولىرىنىڭ سانى 380 بولۇپ، % 2.4 ئەتراپىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش تۈردىكى دېلو سانى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان؛ تور ئويۇنى دېلولىرىنىڭ سانى يەنە بىر قېتىم ئازايغان .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر