باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەر مىللەت ئاممىنى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2016.04.28 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 26- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، قوشۇمچە تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ۋەزىيەت- ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيەت- بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پەۋقۇلئاددە زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ ئارقىلىق تور ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىش ۋە يولنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن باشقا، يەنە ئاساسىي مىزان ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئەتراپلىق ئىگىلەش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەتراپلىق چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك. خەلقنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئالاقە تورى ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىش كېرەك؛ ياخشى تور ئېكولوگىيە مۇھىتى بەرپا قىلىش، تورنىڭ جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەلرايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يادرولۇق تېخنىكىدا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىش؛ بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ بۇرچ ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ جەمئىيەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش، تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  نۆۋەتتە ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋە تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملەپ، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» ئالاھىدىلىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرمەيدۇ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك. «بەشلەشتۈرۈش» ماس قەدەمدە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، «كەڭ بەلباغلىق شىنجاڭ» ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇش، تور ئاساسىي مۇئەسسەسىلىرىنىڭ «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك؛ خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، «ئالاقە تورى +»نى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ يېڭىچە پاراسەتلىك شەھەر قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشلىتەلەيدىغان، ئىشلىتىشكە قۇربى يېتىدىغان، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ ئۇچۇر ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئالاقە تورىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، مۇلازىمەت كەسپى بىلەن يەنىمۇ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا ئوبوروتى بىرلەشمە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن ياخشى پايدىلىنىش، تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار توردىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى لۇشيەن يولىدا مېڭىشنى ئۆگىنىۋېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ماھىر بولۇشى، ئالاقە تورىنى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەڭشەش، ئاممىنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىش يېڭى يولىغا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىلەن ئەلرايىنى باغلايدىغان تېز يولغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئىگە ياخشى تور مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى يېڭى تاراتقۇ ساھەسىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، سىياسىي سەزگۈرلۈك بىلەن سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تور ئارقىلىق سىڭىپ كىرىشىدىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىش، بازا ئېڭى، كۈرەش قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، زەربە بېرىش بىلەن مۇداپىئە كۆرۈشنى تەڭ تۇتۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈش، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش، توردا جامائەت پىكرى كۈرىشىنى پائال قانات يايدۇرۇش، توردا لېكسىيە سۆزلەش بازا قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، توردا ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، تور ئاتالغۇلىرى ۋە سۆزلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، توغرا تور بىخەتەرلىكى قارىشى تۇرغۇزۇش، تور بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. مەنبە بىخەتەر بولۇش بىلەن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش، تور بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تور بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈشى ۋە خەۋپنى باھالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ تېخنىكا تەتقىق قىلىش ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك؛ تور بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەرپا قىلىش، زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولۇش ۋە زېمىننى قوغداشتا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل مۇئەسسەسىلىرى بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، تور بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ۋە تەھدىت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، تور ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايون بويىچە «بىر تاختا شاھمات» خىزمەت تۈزۈلمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، شەۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر