باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» يولغا قويۇلغىلى بەش يىل بولدى

ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە چىقىرىش نىسبىتى %18 تۆۋەنلىدى

2016.04.29 12:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە بەش يىل بولاي دېدى. بۇ بەش يىلدا، جۇڭگونىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ئوڭشالدى. بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ سانى، ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى بەش يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %18 ۋە %18.3 تۆۋەنلىدى.

  28-ئاپرېل ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن، شەھەرلەردىكى ئۈنۈم تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان. مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرى 2 مىليون 474 مىڭ قېتىملىق ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلىش تەسىرىدە بېيجىڭ، خېبېي، جېجياڭ، خاڭجۇ، نىڭبو، نەنجىڭ، فۇجۇ، شېنجېن قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەردە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ئەھۋالىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش سانى ئۇدا تۆۋەنلىگەن ياكى بىر قەدەر تۇراقلاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر