باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 15 تاراتقۇنىڭ ساختا خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.04.29 12:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇننىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپلەرنى تولۇق ئورۇنداپ، خەۋەر قىلىشتا قاقتى – سوقتى قىلىش ۋە ساختا خەۋەر قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرى زەربە بېرىش خىزمىتىدە يۇقىرى بېسىم ھالەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخباراتچىلىقتىكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. دۆلەت ئاخبارات نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ‹‹مالىيە›› ژۇرنىلى ئۈندىدار سالونى قاتارلىق 15 تاراتقۇنىڭ ساختا خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  بىرىنچى، ‹‹مالىيە›› ژۇرنىلى ئۈندىدار سالونى قاتارلىق تاراتقۇدا ئېلان قىلىنغان ‹‹چاغان خاتىرىسى: شەرقىي شىمالدىكى مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ كەتكەن كەنت›› تېمىسىدىكى ساختا خەۋەرنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىق ئەھۋالى. ‹‹مالىيە›› ژۇرنىلى ئۈندىدار سالونىنىڭ مۇخبىرى بۇ يىل چاغاندا يېزىغا بارماي، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماي تۇرۇپ، ‹‹چاغان خاتىرىسى: شەرقىي شىمالدىكى مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ كەتكەن كەنت›› دېگەن تېمىدىكى ساختا خەۋەرنى يېزىپ، ‹‹سەھرالىق ئايالنىڭ كەنتتىكى ئاياللارنى تېنىنى سېتىشقا تەشكىللىشى›› قاتارلىق ۋەقەلەرنى بايان قىلغان. ‹‹مالىيە›› ژۇرنىلى 14 – فېۋرال ئۈندىدار سالونىدا بۇ خەۋەرنى تارقاتقان. ئارقىدىنلا ‹‹نۇر›› تورى، ‹‹جۇڭگو ياشلىرى›› تورى، جۇڭگو تورى، جۇڭگو تەيۋەن تورى، جياڭسۇ ياڭزى كەچلىك گېزىتى تورى، شەندۇڭ چىلۇ كەچلىك گېزىتى تورى قاتارلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە لياۋنىڭ ‹‹داليەن گېزىتى›› مىكرو بىلوگى، گۇاڭشى ‹‹جەنۇبىي جۇڭگو بۈگۈنكى گېزىتى›› مىكرو بىلوگى، خۇنەن ‹‹تەرمىلەر گېزىتى›› قاتارلىق تاراتقۇلار ئەمەلىي ئەھۋالنى دەلىللىمەيلا كۆچۈرۈپ بېسىپ، ساختا خەۋەرنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بۇ دېلوغا چېتىشلىق مۇخبىرنىڭ ئاخبارات مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى بىكار قىلدى ھەم ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاخبارات مۇخبىرلىقى ۋە تەھرىرلىكىدىكى ناچار كەسپىي قىلمىشلار خاتىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بۇ ساختا خەۋەرنى باسقان ‹‹ئىقتىساد›› ژۇرنىلى ۋە بۇ ساختا خەۋەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماي تۇرۇپ كۆچۈرۈپ باسقان ‹‹نۇر›› تورى، ‹‹جۇڭگو ياشلىرى›› تورى، جۇڭگو تورى، جۇڭگو تەيۋەن تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە مەمۇرىي جازا بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى، جەرىمانە قويدى. ئۆلكىلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنى خۇنەن ‹‹تەرمىلەر گېزىتى›› قاتارلىق گېزىت – ژۇرنال ۋە ئۇلار قۇرغان تور تاراتقۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە ھەم ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇيرىدى. باشقا سودا تور بېكەتلىرىنىڭ ساختا خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ.

  ئىككىنچى، ‹‹پېڭپەي›› ئاخبارات تورى ئېلان قىلغان ‹‹جيۇجياڭ شەھىرىدىكى يەر تەۋرەش››دېگەن ساختا خەۋەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى. شاڭخەي گېزىتچىلىك گۇرۇھى قارمىقىدىكى ‹‹پېڭپەي›› ئاخبارات تورى 2016 – يىلى 4 – يانۋار ‹‹جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرى شۈنياڭ رايونىدا 6.9 بال يەر تەۋرىدى›› دېگەن تېمىدىكى ساختا خەۋەرنى تارقاتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ خەۋەرنىڭ جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش پونكىتى تورىنىڭ سىناق ئۇچۇرى بولۇپ، ‹‹پېڭپەي›› ئاخبارات تورى بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماي تۇرۇپ ساختا خەۋەرنى تارقاتقان ھەم ئېغىر سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن شاڭخەي گېزىتچىلىك گۇرۇھى ئالاقىدار مەسئۇللارنى خىزمەتتىن توختىتىپ تەكشۈرۈش، مۇكاپات پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق مەمۇرىي جازا بەردى.

  ئۈچىنچى، ‹‹جىنەن ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ ساختا خەۋەر ۋە سۈرەتنى بېسىپ تارقاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى. شەندۇڭ ‹‹جىنەن ۋاقىت گېزىتى›› 2015 – يىلى 23 – دېكابىر سانىدا ‹‹يەنچى تېغىدىن جىددىي مۇراجىئەت›› دېگەن تېمىدىكى سۈرەتلىك خەۋەر بەرگەن، سۈرەت سۆزىدە: يەنچى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە 21 – دېكابىر كەچتە تۇيۇقسىز چوڭقۇر ھاڭ پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ يېنىدىلا ئاھالىلارنىڭ تۇرالغۇسى بار دېيىلگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ سۈرەت ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ھەقىقىي جاي ئەمەسلىكى، پىراكتىكانت مۇخبىرنىڭ باشقىلار تارتقان سۈرەتتىن پايدىلىنىپ، ساختا خەۋەر تارقاتقانلىقى ئېنىقلاندى. بۇنىڭ بىلەن ‹‹جىنەن ۋاقىت گېزىتى›› 2015 – يىلى 24 – دېكابىر سانىدا تۈزىتىش بېرىپ، ئوقۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورىدى. ‹‹جىنەن گېزىتى›› گېزىتچىلىك گۇرۇھى بۇ پىراكتىكانت مۇخبىرنى ئىشتىن بوشاتتى ھەم ‹‹جىنەن ۋاقىت گېزىتى››نىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى، باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ نۆۋەتچى مۇدىرى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 2016 – يىلى 18 – فېۋرال ‹‹جىنەن ۋاقىت گېزىتى››گە ئاگاھلاندۇرۇش مەمۇرىي جازاسى بەردى.

  تۆتىنچى، ‹‹خاۋجۇ كەچلىك گېزىتى››نىڭ ‹‹بىر ئايال قىزچاقنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا ئىت تالىۋالدى›› دېگەن تېمىدىكى ساختا خەۋەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى. ‹‹خاۋجۇ كەچلىك گېزىتى›› 2015 – يىلى 13 – ئۆكتەبىر سانىدا ‹‹بىر ئايال قىزچاقنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا ئىت تالىۋېلىپ ئېغىر يارىلاندى›› دېگەن تېمىدىكى ساختا خەۋەرنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خەۋەردە ئېيتىلغان ‹‹ئىت تالىۋېلىپ ئېغىر يارىلانغان ئايال››نىڭ قىزچاقنى قۇتقۇزۇش يولىدا يارىلانمىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن توقۇغان يالغان خەۋەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. شۇ ۋاقىتتا مۇخبىر ئەمەلىي ئەھۋالنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ دەلىللىمىگەن، گېزىتخانىنىڭ باشقۇرۇشى قاتتىق بولمىغاچقا، بۇ ساختا خەۋەر گېزىتكە بېرىلگەن. ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 2015 – يىلى 22 – دېكابىر ‹‹خاۋجۇ كەچلىك گېزىتى›› ۋە ئالاقىدار مۇخبىرغا ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازا بەردى.

  بەشىنچى، ‹‹غەربىي جۇڭگو شەھەر گېزىتى›› بىلەن ‹‹ئاخبارات سەھەر گېزىتى›› مىكرو بىلوگىنىڭ ‹‹جەنۇبىي قۇتۇپ ساماۋار شورپىخانىسى›› دېگەن تېمىدىكى ساختا خەۋەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى. 2015 – يىلى 14 – ، 15 – سېنتەبىر سىچۈەن ‹‹غەربىي جۇڭگو شەھەر گېزىتى››، شاڭخەي ‹‹ئاخبارات سەھەر گېزىتى›› مىكرو بىلوگىدا ‹‹سىچۈەنلىك يىگىت جەنۇبىي قۇتۇبتا ساماۋار شورپىخانىسى ئاچتى›› دېگەن تېمىدىكى ساختا خەۋەرنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ خەۋەرنىڭ مەلۇم بىر ئۈندىدار سالونى توقۇپ تارقاتقان ساختا خەۋەر ئىكەنلىكى، كېيىن ۋاڭيى ئابۇنىچىلار كۆزنىكى قاتارلىق تور تاراتقۇلىرى ئارقىلىق كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، ئاممىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغانلىقى، ‹‹خۇاشى شەھەر گېزىتى››، ‹‹ئاخبارات سەھەر گېزىتى››نىڭ بۇ خەۋەرنى دەلىللىمەيلا مىكرو بىلوگىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. سىچۈەن ئۆلكىلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹خۇاشى شەھەر گېزىتى››نى مۇخبىرلىق ۋە تەھرىرلىك مەشغۇلات تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماقالىلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ۋە بىر كۆزنەك›› نى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە بۇيرىدى؛ شاڭخەي ‹‹ئاخبارات سەھەر گېزىتى›› نۆۋەتچى تەھرىر، مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىر قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇللارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى.

  دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئاخبارات ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يالغان، ساختا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىپ، ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى خۈنۈكلەشتۈردى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى، تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى، ‹‹ساختا ئاخبارات خەۋەرلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىشقا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە››، ‹‹ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە تەھرىرلىرىنىڭ تور پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئاخباراتنىڭ چىنلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زىيارەت قىلىش ئۆتكىلى، ماقالە تەشكىللەش ئۆتكىلى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۆتكىلى، ماقالە يوللاش ئۆتكىلى قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئاخبارات مۇخبىرلىقى ۋە تەھرىرلىك خىزمەت مەشغۇلات تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى، ئاخبارات مۇخبىرلىقى، تەھرىرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بولۇپمۇ ‹‹ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ ۋە بىر كۆزنەك›› قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ‹‹ئۈچنى تەكشۈرۈش›› تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، تەھرىرلەر مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىشى، تەكشۈرۈپ دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن ماقالە ۋە تور ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلماسلىقى ۋە كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىقى؛ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، زىيارەت چوڭقۇر بولماي، ئۆتكەل چىڭ تۇتۇلماي، باشقۇرۇش قاتتىق بولماي ساختا خەۋەر تارقىتىلغان بولسا ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  جايلاردىكى ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تارماقلىرىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، مۇخبىر، تەھرىرلەرنىڭ سىياسىي ساپاسى، كەسپىي ئەخلاقى ۋە كەسپىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى؛ ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە ساختا ئاخباراتقا زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىىم ھالىتىنى ئىزچىل ساقلاپ، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاخباراتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر