باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2–قېتىملىق ‹‹شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا›› ناملىق تىپلارنى خەۋەر قىلىش ھەمتۈرتكە پائالىيىتى باشلاندى

2016.04.29 12:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: 2 – قېتىملىق ‹‹شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا›› ناملىق تىپلارنى خەۋەر قىلىش ھەمتۈرتكە پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 26 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  2015 – يىلىنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ‹‹تەڭرىتاغ تورى›› قاتارلىق تاراتقۇلار بىرلىكتە تۇنجى قېتىملىق ‹‹شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا›› ناملىق تىپلارنى خەۋەر قىلىش ھەمتۈرتكە پائالىيىتىنى باشلاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان 60 شىنجاڭلىقنى تاللاپ زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە ئۆز ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە خىسلىتىنى نامايان قىلغانىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن 2 – قېتىملىق ‹‹شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا›› ناملىق تىپلارنى خەۋەر قىلىش ھەمتۈرتكە پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا››ناملىق تىپلارنى خەۋەر قىلىش ھەمتۈرتكە پائالىيىتىنىڭ 2 – قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ داۋامى ھەم تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، ھەرقايسى تاراتقۇلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ سەرخىل سەھىپە – پىروگراممىلارنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۇ پائالىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر