باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا خىزمىتىنى ئۈچ جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرىدۇ

2016.04.29 12:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ۋاڭ بىڭنەن مۇنداق دېدى: ھازىر يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولسىمۇ، بەزى مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلار ساقلانماقتا، سودا مىنىستىرلىقى كېيىنكى قەدەمدە يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىن يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ۋاڭ بىڭنەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتلەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ‹‹ئالاقە تورى ئوبوروت›› پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بۇ پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم خىزمەت. يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياخشى تەرەققىي قىلدى، ئىجتىمائى كاپىتال پائال قاتناشقاچقا، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى نۇرغۇن جاينىڭ ‹‹رايون ئىقتىسادىي››نى يۈكسەلدۈرۈشىدىكى مۇھىم ماتورغا ئايلاندى.

  ۋاڭ بىڭنەن مۇنداق دېدى: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا، جۈملىدىن يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش، بولۇپمۇ يېزا ۋە كەنتلەرنىڭ ئۇچۇر ئاساسىي ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق، تور سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولۇش؛ يېزىلاردا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش، بولۇپمۇ ھەم تېرىقچىلىقنى، ھەم سودا قىلىشنى بىلىدىغان، ھەم ئېلېكتىرونلۇق سودىنى چۈشىنىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسى كونىراپ كەتكەچكە، ئۆلچەمگە يېتىدىغانلىرى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، رىقابەت كۈچى ئاجىز بولۇش؛ يېزا بازارلىرىنىڭ تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، ۋەھاكازالار.

  ۋاڭ بىڭنەن مۇنداق دېدى: سودا مىنىستىرلىقى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا خىزمىتىنى كېيىنكى قەدەمدە ئۈچ جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنى بىرىنچىدىن، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. 2016 – يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىشتىكى ‹‹ئاخىرىقى بىر كىلومېتىر›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، يېزا – بازارلارنىڭ بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوبوروت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەردىكى بازارلارغا سېلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا توغرىسىدىكى ھەر خىل ئېلان تەشۋىقاتلىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەردىكى بازارلارغا سېلىش ۋاسىتىلىرىنى كۆپەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جايلاردىكى بازارلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر