- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو – رۇسىيە تور بوشلۇقى تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى
2016.04.29 12:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو – رۇسىيە تور بوشلۇقى تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى 27 – ئاپرېل موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋېي، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭ ياردەمچىسى شوگورېلېۋ مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى جۇڭگو تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى جەمئىيىتى بىلەن رۇسىيە بىخەتەر ئالاقە تورى ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى ‹‹جۇڭگو – رۇسىيە ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى›› بولدى. جۇڭگو – رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، كارخانا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر