باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تۇرپان ئۈزۈم كۈيى ___ شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكا بايرىمى»غا ناخشا تېكىستى، ناخشا توپلاش ئۇقتۇرۇشى

2016.04.29 12:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن ھالدا ‹‹تۇرپان ئۈزۈم كۈيى ___ شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكا بايرىمى›› باش تېما قىلىنغان شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكا مۇنەۋۋەر ناخشا تېكىستى، ناخشىسى توپلىنىدۇ، بۇ بارلىق مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ كاتتا يىغلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن سىزنى، سىز ناخشىڭىزنى ئېلىپ، تۇرپان تامان يول ئالىمىز. قەلبىڭىزدىكى ئارزۇيىڭىز ئۈچۈن، مەن بىلەن مېڭىڭ، مەن تۇرپاندا سىزنى ساقلايمەن.

  سىزگە بىر سەھنە ھازىرلىدۇق، ئالاھىدىلىكىڭىزنى بايقاڭ.

  سىزگە بىر سەھنە ھازىرلىدۇق، ھېس-ھاياجانلىرىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىڭ.

  سىزگە بىر سەھنە ھازىرلىدۇق، ئارزۇيىڭىزنى قاناتلاندۇرۇڭ.

  2016-يىللىق ‹‹تۇرپان ئۈزۈم كۈيى ___ شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكا بايرىمى››غا ناخشا تېكىستى، ناخشا توپلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

  1. پائالىيەت باش تېمىسى

  مۇزىكا كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەش، شىنجاڭچە روھنى نامايان قىلىش، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش.

  2. تەشكىللىگەن ئورگانلار

  ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار:

  شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى

  تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى

  ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن:

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى

  3. پائالىيەت ۋاقتى:

  2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە.

  4. پائالىيەت نۇقتىسى:

  تۇرپان شەھىرى

  5. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئوبيېكتى

  پائالىيەت مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى (شەخس ياكى تەشكىلات)غا يۈزلەنگەن.

  6. پائالىيەت باسقۇچلىرى

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئەسەر يوللاش، ئەسەر باھالاش، ئەسەر تەۋسىيە قىلىش، يۈرۈشلۈك ناخشا كېچىلىكى ۋە مۇكاپاتلاش كېچىلىكى قاتارلىق بەش باسقۇچقا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇزىكا بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىش، رەتلەش ئارقىلىق، مۇزىكا تالانتلىقلىرىنى ئىزدەپ، شىنجاڭنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ھېكايىلىرى ياخشى سۆزلىنىدۇ.

  (1) ئەسەر ئەۋەتىش: 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە.

  (2) مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى تاللاپ باھالاش: 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە.

  باھالاپ چىقىلغان ئەسەرلەر تۈرلۈك ۋىدىيولار ئارقىلىق بىۋاسىتە تەۋسىيە قىلىنىپ، ئەسەر ئىجادىيەتچىلىرى تۇرپاندا ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

  (3) ئەسەر تەۋسىيە قىلىش: 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە.

  خۇنەن خۇڭۋاڭ تورىدا دائىرىگە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر رەتلىنىپ ۋە تەۋسىيە قىلىنىپ، تورداشلار بىلەن ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ باھالىشىغا سۇنۇلىدۇ. كەسپىي ئىجادىيەت شىركەتلىرى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، توردا ۋە باشقا سورۇنلاردا مۇزىكا ئىجاد قىلىش ۋە قايتا ئىجاد قىلىش، ئۈنگە ئېلىش، بېزەش ۋە كېڭەيتىش جەريانىنى ئورتاق ھېس قىلىدۇ.

  (4) تۇرپان شەھىرىدىكى ‹‹مۇزىكا كىچىك بازىرى››دا بەش كۈنلۈك شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكا يۈرۈشلۈك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە.

  (5) ‹‹تۇرپان ئۈزۈم كۈيى›› شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكا مۇكاپاتلاش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى.

  7. ئەسەر تەلىپى

  پائالىيەت تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تەرجىمىھالى (ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، يانفون نومۇرى ۋە شەخسىي تەرجىمىھالى قاتارلىقلار)، ئەسەرنىڭ تولۇق ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى ۋە نوتىسىنى تاپشۇرىدۇ ھەمدە ۋىدىيو شەكلى ئارقىلىق تەۋسىيە قىلىنغان ناخشىلار MP4 شەكلىدە بولىدۇ.

  (1) ئەسەر توپلاشتا شىنجاڭنىڭ مۇزىكا ئامىللىرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ شەكىل، تېما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن كۆپ خىل بولۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

  (2) توپلىنىدىغان ئەسەرلەر پەقەت پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشمىگەن ئىجادىي ئەسەرلەر بىلەن چەكلىنىدۇ. ناۋادا تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىسا ياكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەسەر ھوقۇقى قاتارلىقلاردا گۇمانلىق نۇقتىلار بايقالسا، تەشكىلىي كومىتېت تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، بۇ ئەسەرنىڭ باھالاشقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.

  (3) ناخشا تېكىستىنى يەككە يوللىغاندا، يەنە ناخشا تېكىستىگە ئالاقىدار ھېكايىلەرنىمۇ قوشۇپ يوللىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.

  (4) نوتىنى يوللىغاندا، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئەسەرنىڭ تولۇق ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىدىكى نوتىغا ئالاقىدار ئۈنگە ئېلىنغان كوررېكتور نۇسخىسىنى تەمىنلىشى كېرەك. يەنە نوتا، ئاۋاز نۇسخىسىدىن بىر پارچە يوللىشى كېرەك.

  8. مۇكاپاتلاش چارىسى

  (1) مۇنەۋۋەر مۇزىكانتلار تۈرلۈك تاراتقۇلاردا مەخسۇس زىيارەت قىلىنىدۇ.

  (2) مۇنەۋۋەر ناخشىلارغا مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئاككوردلاشتۇرىدۇ.

  (3) مۇنەۋۋەر مۇزىكانتلار تۇرپاندىكى يۈرۈشلۈك ناخشا يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە تۈرلۈك فىلىم تور بېكەتلىرىدە بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ.

  9. يوللاش شەكلى

  مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەسەرلەر ئورگان تەرەپنىڭ بەلگىلەنگەن خەت ساندۇقىغا سېلىنىشى كېرەك.

  ۋاقتى: 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە.

  يوللاش شەكلى: 15026256503@163.com

  ئالاقىلىشىش تېلېفون: 8529750-0995 8521807-0995 15026256503 18509950090

  ئالاقىلەشكۈچىلەر: ۋاڭ جۇەن، ياڭ ۋېنخاۋ

  10. ئالاقىدار ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش

  (1) مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىدا ئاساسىي قانۇن، قانۇن، ئەخلاق نەزەرىيەسىگە رىئايە قىلىنىشى، مىللىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.

  (2) مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ باقمىغان ئىجادىي ئەسەرلەر بىلەن چەكلىنىدۇ.

  (3) مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر بىردەك تاللاپ ئىشلىتىلىپ، ئىجادىيەتچى ھوقۇق بەرگەن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ پائالىيەت مەزگىلىدە ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى، نەشر ھوقۇقى ۋە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىلىدۇ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئېھتىياج بويىچە ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

  (4) مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار (تەشكىلاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەسەر يوللاش سانىغا چەك قويۇلمايدۇ.

  (5) مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار تىزىملاتسىلا مۇسابىقە قائىدىسىنى ئېتىراپ قىلدى، دەپ قارىلىدۇ ھەمدە شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  (6) مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنى تىزىملاشقا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، يوللانغان ئەسەرلەر قايتۇرۇلمايدۇ.

  (7) پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى پائالىيەت تەشكىلىي كومىتېتىغا تەۋە.

  دىققەت: بۇ قېتىمقى پائالىيەت دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىغا يۈزلەنگەن.

  بۇ بىر قېتىملىق شىنجاڭچە ئامىللارنى مۇجەسسەملىگەن مۇزىكا يىغىلىشى، ناۋادا سىز مۇزىكىنى قىزغىن سۆيسىڭىز، ناخشا ئېيتىشقا ئامراق بولسىڭىز، ناخشا تېكىستى يازالىسىڭىز، دەرھال پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىڭ. قاتنىشىشىڭىزغا ئىنتىزارمىز.

  مەن سىزنى تۇرپاندا ساقلايمەن، كۆرۈشمىسەك ھېساب ئەمەس.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى تۇرپان شەھەرلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

  2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر