ئاۋسترىيە مىللىي پارلامېنتى پاناھلىنىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىدى
2016.04.29 12:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاۋسترىيە مىللىي پارلامېنتى 27 – ئاپرېل تېخىمۇ قاتتىق پاناھلىنىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە: 2015 – يىل 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن كېيىن چېگرادىن كىرگەن مۇساپىرلارغا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى مەڭگۈلۈك پاناھلىنىش ھوقۇقى ئەمەس، بەلكى ئۈچ يىللىق پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىدۇ. شۇ چاغدا مۇساپىرلارنىڭ دۆلىتىدە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشىلانسا، مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىش ھوقۇقى بىكار قىلىنىدۇ، ئۇلار چوقۇم ۋەتىنىگە قايتىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر