باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى

2016.04.29 12:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەت ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان جۇڭگو – ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى 22 – ئاپرېل ئۆزبېكىستاندا جاكارلاندى. جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن لىجيې لېنتا كېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  تاشكەنت دۆلەت ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بورتابايېۋ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيادا ئىقتىسادى ئەڭ مۇقىم، تەرەققىياتى ئەڭ تېز دۆلەت. ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارا ھەرخىل ئالاقە ئارقىلىق، ئۆزبېكىستان – جۇڭگو ھەمكارلىقىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جۇڭگو شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لو چيۇجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى خېلى چوڭقۇر. 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا، سەمەرقەنت يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، پاختا ھەمكارلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تاشكەنت دۆلەت ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن 2011 – يىلىدىن باشلاپ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو – ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئىلمىي ئالاقە، پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دېھقانچىلىق، تەبىئىي پەن، سانائەت، ئىقتىساد، باشقۇرۇش، ئەدەبىيات، قانۇن قاتارلىق پەنلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 18 ئىنستىتۇت بار، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئوقۇغۇچى 26 مىڭدىن ئاشىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر