باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8–مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ››دېگەن نامغا ئېرىشتى

باش تىرېنېر جەن شۇپىڭغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8–مارت قىزىلبايراقدارى››دەپ نام بېرىلدى

2016.04.29 12:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭ بو، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائالىيىتى 25 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8 – مارت قىزىلبايراقدار كوللېكتىپ›› دېگەن شەرەپلىك نامنى، باش تىرېنېر جەن شۇپىڭغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8 – مارت قىزىلبايراقدارى›› دېگەن نامنى بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن ئۆگىنىشكە، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ماھىرلاردىن قورقماي، بوشاشماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتەك قەيسىرانە ئىستىلىدىن، ئۇلارنىڭ يۈكسەكلىككە ئىنتىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان روھىدىن ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىن، مەسئۇلىيەتچان، ئۈلگىلىك، ئىستېداتلىق ئاياللاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› ۋە گۈزەل شىنجاڭنىڭ تۆھپىكارلىرىدىن بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.

  تىرېنېر جەن شۇپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ شەرەپ كوماندىدىكىلەرنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈرتكە. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى مەشىق ۋە مۇسابىقىلەردە شىنجاڭ روھىنى ھەممە جايدا نامايان قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللارنى ساغلام ۋە ئۈمىدۋار بولۇشقا يېتەكلەپ، پائال ئىلگىرىلەيدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاتلىنىمىز.

  پائالىيەتتە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن 101 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن تاللانغان كۆپ مىللەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ‹‹ئىتتىپاق›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى قۇردى ھەم ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش، قوشماق بولۇش پائالىيىتىنى ئۇزاق مۇددەت قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 101 – ئوتتۇرا مەكتەپكە ‹‹ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى›› دەپ نام بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر